تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

5- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، لو جېڭگۇاڭ) 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئېلىمىز مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىغا كەلگەندە، پۈتۈن زالدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مېيىپلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ مېيىپلەر مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا 167 «مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس»، 100 «مېيىپلەر ئائىلىسى» ۋە 33 «مەملىكەتلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» تەقدىرلەندى. ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ ئىرادىسى كۈچلۈك، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئىشلىرىغا رىشتە باغلىغان يەن سەنيۈەن، جاپا - مۇشەققەتتىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان مىنا تازىلاش قەھرىمانى دۇ فۇگو، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان، قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىققا قاتنىشىپ مېيىپلەرگە ياردەم بەرگەن سۇڭ گۇيخۇادىن ئىبارەت مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئۈچ ۋەكىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىندا سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، ساۋ جيەنمىڭ، چېن شياۋگۇاڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.