تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شەندۇڭنىڭ سۇگۇاسى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم تېرىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى

خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى دالاۋبا كەنتىنىڭ دۇڭگېبى سۇگۇا تېرىقچىلىق پارنىكىدا پىشقان سۇگۇالار ئېسىلىپ كەتتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جيا خۇڭمىڭ): 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى دالاۋبا كەنتىنىڭ دۇڭگېبى سۇگۇا تېرىقچىلىق پارنىكى ئىچىدە، سۇگۇا پېلەكلىرىدە پىشقان سۇگۇالار ئېسىلىپ تۇراتتى، شەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن بۇ سۇگۇالار شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم تېرىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى.

  «بۇ خىل سۇگۇا يېيىشلىك، ھەممىسىگە مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلگەن، ئۈزۈپلا يېگىلى بولىدۇ.» دېھقان يەن لۇچېڭ ساياھەتچىلەرگە سۇگۇانىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى، ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى بىر-ئىككى كىلوگىرام كېلىدىغان سۇگۇالارغا قاراپ، يەن لۇچېڭنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈزۈش مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، ئۇ 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

  2019-يىلنىڭ بېشىدا، خوشۇت ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئۇششاقتال يېزىسى دالاۋبا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يەن لۇچېڭنى شەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن يېڭى سورتلۇق سۇگۇانى سىناق قىلىپ تېرىشقا يېتەكلىدى ھەمدە يېزا-كەنت ئۈزۈش ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى.

  «بۇ يىل تېرىغان سۇگۇالارنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى بىر كىلوگىرامى 13 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە بولۇپ، بىر پەسىللىك مەھسۇلاتنىڭ مو بېشى توپ سېتىلىش كىرىمىلا 13 مىڭ يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە بولدى، ئىككى پەسىللىك ئايلىنىشتا 11-ئايغىچە سېتىشنى مۆلچەرلىدىم.» دېدى يەن لۇچېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جاڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى سۇگۇا تېرىشقا ئىنتايىن باب كېلىدۇ، يېڭى سورتنىڭ كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى قوشقاندا، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، شۇڭا تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى