ئۆز مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى، فوتوسى: بېكەتكە كىرگەندە 20لىك، ئەگىلگەندە 30لىك سۈرئەت بىلەن يۈرۈش، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە چوقۇم پىيادىلەرگە يول بېرىش كېرەك. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 100گە يېقىن ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى بىخەتەر يول يۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 4-بۆلۈمى زىجىنچېڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 100گە يېقىن ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ 100 نومۇرلۇق مۇلازىمەت ئارقىلىق بىخەتەر يۈرۈشكە ۋەدە بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شوپۇرلار ئاساسلىقى ئۈچتە يۈزدە يۈزنى، يەنى بېكەتكە كىرگەندە سۈرئەتنىڭ 20دىن تۆۋەن بولۇشىغا يۈزدە يۈز كاپالەتلىك قىلىش، يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، ئەگىلگەندە سۈرئەتنىڭ 30دىن تۆۋەن بولۇشىغا يۈزدە يۈز كاپالەتلىك قىلىش، پىيادىلەر يولىدا چوقۇم توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرىشنى يۈزدە يۈز ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 4-بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىجارەت 4-بۆلۈمىدە جەمئىي 21 لىنىيە، 362 ئاممىۋى ئاپتوبۇس بار، ئۈچ ئاي بۇرۇنلا يېڭى يۈرۈش ئۆلچىمىنى يولغا قويدۇق. يېڭى ئۆلچەم ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، شوپۇرلار ھەر ۋاقىت ئۆزىگە بىخەتەر يول يۈرۈشنى ئەسكەرتىپ، يولۇچىلار ۋە پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەگەر بىخەتەر ھەيدەشكە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، شوپۇرلارنى جازالاپ، ھەر قېتىمدا 350 يۈەن جەرىمانە قويىمىز.
«ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر 2200دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇس، 3700دىن ئارتۇق ئاپتوبوس شوپۇرى بار، تىجارەت 4-بۆلۈمى پەقەت بىر باشلىنىش، كېيىن يەنە پۈتۈن شەھەر بويىچە كېڭەيتىلىدۇ. بىخەتەر يول يۈرۈش ئۆلچىمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، كەسىپ ئوبرازىنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شىپىڭ.