تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

(جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تەنھەرىكەت تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى چيۇ شۈچياڭ)

  ھاياتلىقتا ھەرىكەت قىلماي بولمايدۇ، بىراق ھەرقايسى ياشتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، شۇڭا چېنىققاندىمۇ مۇناسىپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ، تۆۋەندە بۇلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

  بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر زەربىدارلىق بىلەن مەشىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ ياش بۆلىكى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى، ئادەمنىڭ سۆڭىكى تولۇق شەكىللىنىپ بولالمايدىغان بولۇپ، مۇسكۇل كۈچى ئاجىزراق بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە دەرسى ئېغىر، چېنىقىشى كەمچىل بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەرىكەت ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈمىدىدە، تەنتەربىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندىلا ئاندىن زەربىدارلىق بىلەن مەشىق قىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، زىيادە يۈگۈرگەندە پاقالچاق ئىچكى تەرەپ سۆڭەك پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزى بالىلار ئالدى تاپىنى ياكى كەينى تاپىنى ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنى ئۆسۈپ-يېتىلىش سەۋەبلىك ئاغرىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ زىيادە ھەرىكەت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆگىتاپان بالىلارمۇ زىيادە كۆپ يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلەشكە ماس كەلمەيدۇ. يەنە بەزى بالىلار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىدە چالغۇ مەشىق قىلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت تەكرار قول ھەرىكىتى ئىشلىسە، ئاسانلا پەي غىلىپى ياللۇغىنى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر زىيادە ھەرىكەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىشى، ئەڭ ياخشىسى تەكرار ھەرىكەتلەرنى بەك كۆپ ئىشلىمەسلىكى، كۆپ خىللاشقان چېنىقىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

  ئوتتۇرا ياشلىقلار بەك ئېغىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ سۆڭىكى مەزمۇت، مۇسكۇللىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا ئاسان زەخىملىنىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بىر قىسىم ئانتاگونىيەلىك (قارشىلىشچانلىق) كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىقلار، دائىم بەدەن سوقۇلۇش يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، يەنە نۇرغۇن كىشى تېننىس توپ ئويناش قاتارلىق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار سەكرىگەندە، يۈگۈرگەندە زىيادە كۈچىگەنلىكى ياكى توپكا ئۇرغان، قولنى سىلكىگەندە ھەرىكىتى ماسلاشمىغانلىقتىن قايرىلىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بەك ئېغىر بولماسلىقى، «غەلىبە قىلىش» ۋە «يېڭىش»كە ھەددىدىن زىيادە ئىنتىلمەي، كۈتۈلمىگەن زەخىمدىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  ياشانغانلار مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشى كېرەك. ياشانغانلاردا كۆپىنچە سۆڭەك شالاڭلىشىش، مۇسكۇل كۈچى ئاجىزلىشىش مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە دائىم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەگەشكەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار سالمىقى يىنىك، سىجىللىقى تۆۋەن ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ. ئەمما، بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. شۇڭا، ياشانغانلار چېنىققاندا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، توغرا تاللىشى، «قىلالىغىنىنى قىلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى