تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

جامبۇلاق كۈركۈم گۈلى 20·5 رومانتىك ساياھىتى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى جانلاندۇردى

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاقتىكى كۈركۈم گۈلى باغچىسى (يەن يوۋسەي فوتوسى)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ لىجۈەن، جاڭ شىنيۇەن): 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈركۈم گۈلى باغچىسىدا 2 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئىشچىلار باغچىدا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كۈركۈم گۈلىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئېچىلىش مەزگىلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، تىيانشان قارلىق چوققىسى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان كۈركۈم گۈلىنى تاماشا قىلىۋاتىدۇ.

2019-يىلى5-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاقتىكى كۈركۈم گۈلى باغچىسى (يەن يوۋسەي فوتوسى)

  سانجى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ما شۆچاۋ كۈركۈم گۈلى باغچىسىغا كېلىپ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان كۈركۈم گۈللىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، گوللاندىيە ئۇسلۇبى بار ئىكەن، كۈركۈم گۈللىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپتۇ، مەن كۈركۈم گۈللىرىنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېچىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن، كۈركۈم گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىلغان ۋاقىتتىكى گۈزەللىكنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن، ئۇ چاغدا مەن يەنە كېلىمەن».

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاقتىكى كۈركۈم گۈلى باغچىسى (يەن يوۋسەي فوتوسى)

  ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلب قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈركۈم گۈلى باغچىسىنىڭ كۆلىمىنى 104 موغا كېڭەيتتى، گوللاندىيەدىن كىرگۈزگەن 26 خىل سورتتىكى جەمئىي 2 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  جامبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى كۇڭ شياڭچۈن مۇنداق دېدى: «كۈركۈم گۈلى باغچىسىدىن باشقا، مەنزىرە رايونى يەنە خۇاخەيزى مەنزىرە نۇقتىسىغا مۇز تاغ لەيلىقازىقى، كېسان گۈلى قاتارلىق گۈللەرنى كىرگۈزۈپ، تەبىئىي مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى. مەنزىرە رايونى بۇ يىل 25 تازىلىق خادىمى كۆپەيتىپ، مۇھىت تازىلىقىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىدۇ، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئوينىيالايدۇ».

ماتېرىيال سۈرەت: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈركۈم گۈلى باغچىسى (گاۋ لىجۈەن فوتوسى)

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى تايانچ قىلىپ، يېڭى دەۋر پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ «مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتى»دىن پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسپىنى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى. ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مۇلازىمىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاق كۈركۈم گۈلى باغچىسى (گاۋ لىجۈەن فوتوسى)

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى ــــ جۇڭگو ساياھەت كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە سودا كوچىسى ۋە جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا 7-نۆۋەتلىك «قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىش، مەدەنىيەتنى چۈشىنىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاق كۈركۈم گۈلى باغچىسى (گاۋ لىجۈەن فوتوسى)

  2018-يىلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جامبۇلاق قەھرىمانلار تېمى، ئات ئۈستىدىكى مەردانە قىياپەت، رەڭدار سىيرىلغۇچ قاتارلىق ھېس قىلىش تۈرلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىق بىر قاتار مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى نوقۇل ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۈچ پەسىلدە گۈل بولۇش، تۆت پەسىلدە مەنزىرە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ماتېرىيال سۈرەت: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جامبۇلاق كۈركۈم گۈلى باغچىسى (گاۋ لىجۈەن فوتوسى)

  جامبۇلاق مەنزىرە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گويۈ مۇنداق دېدى: «CS ئويۇنى، دالىدا چېدىردا قونۇش، ئوقيا ئېتىش، غەزەپلەنگەن قۇش قاتارلىق تۈرلەردە، ساياھەتچىلەر جامبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىگە قاتنىشالايدۇ. مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت يېتەكچىسى كوللېكتىپىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پەسىللىك ساياھەت، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى 1 مىليون 22 مىڭ 100 ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالغان، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %33 ئاشقان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %38.32 ئاشقان. ساياھەت كەسپى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى