تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باركۆل ناھىيەسى: مەدەنىيەت تېمى گاۋجياخۇ ساياھىتىگە يېڭى تۈس قوشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: «ئۆيۈمنىڭ تېمىغا سىزىلغىنى گاۋجياخۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، بەك چىرايلىق.» دېدى كەنت ئاھالىسى چيۇ جىنخۇڭ خۇشال ھالدا.

  يېقىندا، باركۆل ناھىيەسى شىرىنزا يېزىلىق پارتكوم يېزا كادىرلىرىنى گاۋجياخۇ يول ئېغىزىدا مەدەنىيەت تېمىغا رەسىم سىزىشقا تەشكىللەپ، ساياھەتچىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. بۇ قېتىمقى رەسىم سىزىش پائالىيىتىگە باركۆل ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، يېزا كادىرلىرى، يەنە باركۆل ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سۈن جيەنخۇانىڭ سىزغىنى باركۆل چوڭ يايلىقى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «باركۆل ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى جاي، شامال چىققاندا باراقسان ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن كالا-قويلار ئايان بولۇپ تۇرىدۇ، مەن رەسىم سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باركۆلنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدىم، شۇنداقلا ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇردۇم.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم 80 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم سىزىلغان بولۇپ، بۇلار باركۆلدىكى تاغ-دەريالار، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر، جۇڭگوچە رەسىم ھەمدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەدەنىيەت تېمى كەنت قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، گاۋجياخۇ ساياھىتىگە يېڭى تۈس قوشقان. (قومۇل شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى، باركۆل ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن فېڭ چېڭ تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى