تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ بايدا بىر چارۋىچى تىك ياردا ئۈچ كۈن قاپسىلىپ قالدى، پادىچى ئىت «قۇتقۇزغۇچى» بولۇپ قالدى

  مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جيا جۇڭيۇڭ خەۋىرى: چارۋىچى پادا بېقىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يارغا چۈشۈپ كېتىپ، تىك ياردا يەيدىغىنى، ئىچىدىغىنى يوق  توپتوغرا ئۈچ كۈن قاپسىلىپ تۇردى، بەختكە يارىشا، ئۇنى باشقا چارۋىچىنىڭ پادىچى ئىتى بايقاپ، ئىگىسىگە ئۇچۇر بەردى، ئاخىرىدا، بۇ پادىچى ئىتنىڭ ئىگىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، تىك يارغا چۈشۈپ كەتكەن چارۋىچىنى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزۇۋالدى.

  بۇ ئىش 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ ياقائېرىق بازىرىدا يۈز بەردى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياقائېرىق ساقچىخانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ياقائېرىق ساقچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتى باي ناھىيەسى ئوتتۇرا ئەترىتى دەرھال يەر شەكلى خەتەرلىك ۋە تىك بولغان تاغدا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان چارۋىچى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، سالامەتلىكىدە چوڭ مەسىلە يوق.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياقائېرىق ساقچىخانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ساقچىغا مەلۇم قىلغىنى بىر چارۋىچى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، يارداڭلىقتىكى تاغ چوققىسىدا قوي پادىسى بېقىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پادىچى ئىتى تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ توختىماي قاتتىق قاۋىغان ھەمدە ئۇنى تاغ چوققىسىدىكى بىر يارغا باشلاپ بارغان، «بۇ چارۋىچى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ، تۆۋەنگە قاراپ ۋارقىرىغان، دەرۋەقە پەستىن ئىنكاس قايتقان، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ تاغقا ئۈچ كۈن قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، بەدىنىنىڭ يارىلىنىپ مىدىرلىيالمايۋاتقانلىقىنى، قۇتقۇزۇشقا موھتاجلىقىنى ئېيتقان» دېدى خەلق ساقچىسى.

  ساقچىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بىرلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ باردى.

  شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتى باي ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى شياڭ خەيفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئەترەت يوليورۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، 10 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ئۇلار نەق مەيدانغا بارغاندا، يارداڭلىقنىڭ گەۋدىسىدە جىلغا ۋە قىيا كۆپ بولۇپ، يەر شەكلىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئېنىقسىزلىقىنى بايقاپ، قاپسىلىپ قالغۇچىنىڭ كونكرېت ئورنىنى مۇقىملاشتۇرالماي، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرغان ئاجىز ئىنكاسىدىن ئۇنىڭ تەخمىنىي ئورنىنى بېكىتكەن.

  ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئارقاننى چىڭ باغلاپ، قاپسىلىپ قالغۇچىغا تەييارلىغان مىنېرال سۇ ۋە ناننى ئېلىپ، تاغ گەۋدىسى ئوتتۇرىغا قاراپ يۆتكەلدى ھەمدە قاپسىلىپ قالغۇچى قايتۇرغان ئىنكاستىن ئىزدەش دائىرىسىنى كىچىكلەتتى. بىر سائەتتىن ئارتۇق يامىشىش، ئىزدەش ئارقىلىق، ئاخىرى قاپسىلىپ قالغۇچىنى بايقىدى.

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغۇچىغا مىنېرال سۇ ئىچكۈزۈپ، نان يېگۈزۈپ، ئۇنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى ھەمدە ئەڭ ياخشى قۇتۇلدۇرۇش ئامالىنى تېپىشقا باشلىدى. ئەسلىدە كەلگەن يولى بىلەن قايتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق قاپسىلىپ قالغان ئورۇننىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى 70 مېتىردەك تىك يار بولۇپ، ئارقاننىڭ تايىنىش نۇقتىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، قۇتۇلدۇرۇشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار باشقا ئامال تاپمىسا بولمايتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار قاپسىلىپ قالغۇچىنى ئارقاندا چىڭ باغلاپ، ئاز - ئازدىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 19:30دا، ئۈچ كۈن قاپسىلىپ قالغان چارۋىچى ئاخىرى قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، سۇسىزلىنىش ۋە پۇت - قولى سۈركىلىپ زەخىملىنىشتىن سىرت، ئۇنىڭ بەدىنىدە چوڭ  مەسىلە يوق ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ چارۋىچى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى