تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

5- ئاينىڭ 15- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

5- ئاينىڭ 15- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. بۇ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مۇھىم ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

   مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

   بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بىز باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇقنى ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز مەدەنىيلىكىمىز ۋە باشقا مەدەنىيلىكنىڭ پەرقىگە بولغان تونۇشىمىز، چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇش. بىز ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيلىكىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇشىمىز، ھەم باشقا دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. بىز دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىيات مەنبە ئېقىن سۈيىنى جانلاندۇرۇپ، زامان - ماكان ھالقىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە باي مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، شيۇڭ جېڭيەن، دىڭ شياۋشى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، شانلىق ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئاسىيا خەلقى بىر تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تۇتاشقان ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېچىۋېتىلگەن سىستېما. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلانماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈمىدكە تولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويۇش ھەم ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا كۈچىگە موھتاج، ھەم مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك كۈچىگە موھتاج. ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئاسىيا ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ باراۋەر سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا ئىلھام بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى پەيدا بولغان مۇھىم ماكان. نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئاسىيا خەلقى شانلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ياراتتى. ئاسىيا مەدەنىيلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەم دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. شانلىق ئاسىيا مەدەنىيلىكى دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئاسىيا بولغاچقا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ جۇلالاندى. بىز مەدەنىيلىك ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى يېقىن بولۇپ، ئوخشاپ كېتىدىغان تارىخىي مۇھىتقا، ئوخشاش ئارزۇ - ئىنتىلىشقا ئىگە. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئېقىمغا ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئاسىيا خەلقى بىر تىنچ، خاتىرجەم بولغان ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، دۆلەت ھالقىغان، زامان - ماكان ھالقىغان، مەدەنىيلىك ھالقىغان ئالاقە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك تىنچلىق چاغلىرىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاسىيا خەلقى بىر ئورتاق گۈللەنگەن ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قىسمەن دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق، قالاقلىقنى ئورتاق تۈگىتىپ، بالىلارغا كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاسىيا خەلقى بىر ئېچىۋېتىلگەن، تۇتاشقان ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئىنسانلار پەقەت تېرىسىنىڭ رەڭگى، تىلى ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، مەدەنىيلىك پەقەت رەڭدارلىق ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ياخشى - يامانلىق پەرقى بولمايدۇ. بىز باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇق ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز مەدەنىيلىكىمىز ۋە باشقا مەدەنىيلىكنىڭ پەرقىگە بولغان تونۇشىمىز، چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇش. بارلىق گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى باغلىنىشلىق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ. بىز ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيلىكىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇشىمىز، ھەم باشقا دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تەڭ، باراۋەر بولۇشى، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ زورمۇزور، مەجبۇرىي بولماسلىقى، يەككە، تاق يۆنىلىشلىك بولماسلىقى كېرەك. بىز دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىيات مەنبە ئېقىن سۈيىنى جانلاندۇرۇپ، زامان - ماكان ھالقىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە باي مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىككە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى زۆرۈر تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيانىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش پىلانى ۋە ئاسىيا كىنو - تېلېۋىزىيە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە زوقلىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەدەنىيلىك گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ؛ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشىنى جۇغلىدى، بۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مول ئوزۇقلۇق. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئېچىۋېتىلگەن سىستېما، باشتىن - ئاخىر ھەممىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جانلاندى. قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا ئەل بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ھەممە ئەل بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىل تۇتقان يولى بولۇپ كەلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ روشەن قىممەت يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى خىسلىتى بولۇپ كەلدى، يول تۇتۇشتا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىچكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىدىيەسى بولۇپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى جۇڭگو، جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس، سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازولايمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيلىك ئورتاق ھالدا مول، رەڭدار دۇنيانى ھاسىل قىلغان. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك باراۋەر بولىدۇ، ھەرقانداق بىر خىل مەدەنىيلىك باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ھەرقانداق بىر مەدەنىيلىكنىڭ باشقا مەدەنىيلىكنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا بولمايدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتە مەدەنىيلىكنىڭ پەرقى، مۇستەقىللىقى ۋە كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىپ ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى» ئىنتايىن خاتا بولۇپ، مەدەنىيلىكنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنى بۇزىدۇ، ھەتتا ئۈزۈپ تاشلايدۇ. مەدەنىيەتتىكى بىر ئىزىدا توختاپ قېلىپ بېكىنىۋېلىش، ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس چاغلاش ۋە ئەسەبىزم دەل دۇنيادىكى نۇرغۇن زىددىيەت ۋە توقۇنۇشقا سەۋەبچى بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەم ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە دەل ۋاقتىدا بولدى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، چوڭقۇر. ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، سۆزلىشىش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، گۈللەنگەن ئاسىيادىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون سىرتىدىكى باشقا مەدەنىيلىك بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىناق دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش كېرەك.

  چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنياغا قىممەتلىك بايلىقلارنى قالدۇردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن قوشقان يەنە بىر مۇھىم، زور تۆھپىسى. ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇپ، تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، سۇن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مېھمان كۈتۈش زالىدا چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. ئارقىدىن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى بىرلىكتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو، سىرى لانكا، سىنگاپور، گىرېتسىيە، كامبودژا، ئەرمېنىيەدىن كەلتۈرۈلگەن سەرخىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھۇزۇرلاندى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم ئەزىز مېھمانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئاسىيانىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، پاراللېل شۆبە مۇنبەر، ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى، ئاسىيا مەدەنىيلىك ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكتە جەمئىي 110 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەخمىنەن 1200دەك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.