تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، ۋاڭ جولۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 5- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە بېيجىڭ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  باش يازدىكى بېيجىڭدا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، پۈتۈن جاھان كۆكىرىپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. تۈن پەردىسى ئىچىدىكى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى − «چاڭگا»دا چىراغلار چاقناپ، ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  سائەت 19دىن 59مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس، سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى.

  سامانيولىدەك چاقنىغان چىراغ نۇرى بوشلۇقتا تەتۈر ساناق سانىنى شەكىللەندۈردى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار تەڭ توۋلىدى: 10، 9، 8، 7، 6، 5، 4، 3، 2، 1! «ياشلىق باھار كاتتا مەرىكىسى، ئاسىيا ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى بىر مەيدان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قەدىمىي، شانلىق مەدەنىيىتى بار بولۇپ، ھەم خاسلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ھەم ئىناق بىللە ئۆتتى، ئۆزئارا گىرەلىشىپ جۇلالاندى. ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى ئاسىيا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ مول رەڭ، تېخىمۇ ئۇزاق ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بۈگۈن كەچ، سەنئەت مىللەتتىن ھالقىپ، قەلبلەرگە سىڭىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، دۇنياغا بىر رەڭدار، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاسىيانى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاسىيانى، تىنچ، ئالغا باسقان ئاسىيانى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن «قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا ئەل بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى دۆلەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى قىلىش»، «ئۇرۇق - تۇغقانلار ئېجىل ئۆتۈش، قولۇم - قوشنىلار ئىناق ئۆتۈش»نى قەدىرلەپ كەلگەن. جۇڭگو خەلقى ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىدە تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى!

  جاراڭلىق مۇزىكا ساداسى كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ غايەت زور بەلگىسى چوڭ ئېكراندا كۆرۈندى، ئاسىيا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشىنىڭ سىمۋولى بولغان ئالتە بەرگىلىك مودەنگۈل پورەكلەپ ئېچىلدى.

  ئويۇن سىمفونىيە تەڭكەش قىلىنغان «بىزنىڭ ئاسىيا» دېگەن ئومۇمىي خور ئىچىدە ھەيۋەت بىلەن باشلاندى. نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن ياش ناخشىچىلار ۋە بىرلەشمە ئوركېستىر بۇ كاتتا مەرىكە پائالىيىتىنىڭ باش تېما ناخشىسىنى بىرلىكتە ئورۇنلىدى. سەھنىدە، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆسمۈر، بالىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مەيدانغا چىقىپ، بايراق دېڭىزىنى شەكىللەندۈردى. ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى گۈل بېزەكلىك ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى. ئۇسسۇل «ئوتتەك قايناق ھېسسىيات»قا توققۇز دۆلەتنىڭ خاسلىققا ئىگە مىللىيچە ئۇسسۇلى يۇغۇرۇلغانىدى. ياڭراق، يېقىملىق ناخشا «شامال بىلەن گۈلنىڭ چېگراسى»دا خۇشال جەم بولۇشتەك دوستلۇق كۈيلەندى. جۇڭگولۇق، ياپونىيەلىك، كورېيەلىك دۇمباقچىلار «ئىلھام - مەدەتلەر كۆككە يەتتى، تالاي كېمە بەيگىگە چۈشتى» دېگەن سوقما چالغۇ مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، جاراڭلىق دۇمباق ئاۋازى ئاسىيانىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدەك مەردانىلىقىنى نامايان قىلدى. قول ھەرىكىتى ئۇسسۇلى «يىپەك يولى جۇلاسى»دا يىپەك يولىنىڭ قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماندىن ھالقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەختلىك كەلگۈسىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك گۈزەل ئىستىكى تەسۋىرلەندى. جىڭجۈ تىياتىرى «ئاۋات نەشپۈتزارلىق»تا دۆلەت جەۋھىرىنىڭ گۈزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى. ئىتالىيەنىڭ داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىسى ئاندىرى بوچېل جۇڭگو مۇزىكانتلىرىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن «تۇلەندو» ناملىق ئوپېرادىن ئارىيە «بۈگۈن كېچە ھەممە ئۇيقۇسىز»نى ئورۇنلىدى. ناخشا - ئۇسسۇل «ئاسىيا مەنزىرىسى»دە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئورۇنلاندى. چامباشچىلىق «موجىيۈن»دە ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، غايىدىكىدەك ئورتاق گۈزەللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك قەلب ئىزھار قىلىندى. ئۇسسۇل «بەخت - سائادەت تىلەش»تە توزنىڭ قانات يېيىشى ۋە رەڭدار كېپىنەكلەرنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈشى ئارقىلىق گۈزەل تىلەكلەر يەتكۈزۈلدى. ئۇسسۇل «ياشلىق ھاياتىي كۈچىگە تولغان ئاسىيا»دىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى مودا بولۇپ، كەلگۈسى مەدھىيەلەندى. «دوستلۇق مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» ناملىق مۇزىكىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەنئەتكارلىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. ناخشا - ئۇسسۇل «يىراقتىن كەلگەن مېھمان قېپقېلىڭ»دا جۇڭگو - چەت ئەل ناخشىچىلىرى ۋە ئۇسسۇلچىلىرى دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىپ، دوستلارنى ئۇنتۇماسلىقنى بىرلىكتە نامايان قىلدى. خور«نۇرلۇق ئاسىيا»دا ئاسىيا خەلقىنىڭ تەقدىرداش بولۇشى، بەخت ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ئورتاق يۈرەك ساداسى كۈيلىنىپ، ئويۇننى ئەۋجىگە چىقاردى. ئۇزاققىچە داۋاملاشقان ئالقىش ساداسى ۋە مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە ئويۇن ئاخىرلاشتى.

  بۈگۈن كېچىدە «چاڭگا»دا قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تاشتى، بۈگۈن كېچىدە بېيجىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى!

  دىڭ شۆشياڭ، سۇن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى، خۇاڭ كۈنمىڭ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 30 مىڭدەك تاماشىبىن نەق مەيداندا بۇ مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.