تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارلاق ئاسىيا مەدەنىيلىكى دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئېسىل سەھىپىسى

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەممە بىر يەرگە جەم بولدى، ھەممە بىرلىكتە تەنتەنە قىلدى!

  5- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە بەش چوڭ قىتئەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بۈيۈك پىلانى توغرىسىدا ئورتاق سۆھبەتلەشتى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. بۇ، ئاسىيانىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى مۇھىم تارىخىي تۈگۈن، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي پەيت.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى، ئاسىيا خەلقى ياراتقان شانلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئاسىيا خەلقىنىڭ بىر تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تۇتاشقان ئاسىياغا بولغان گۈزەل تەلپۈنۈشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشتىكى تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا خەلقىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىنى جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئارىسىدا كەڭ ئورتاق سادا پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى پەيدا بولغان مۇھىم ماكان، ئاسىيا خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە شانلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ياراتتى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاللىبۇرۇنلا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى باشلىغان. ئاسىيالىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۇزاق تارىخ ياراتتى، چوڭقۇر مەدەنىيلىك توپلىدى. تۈرلۈك مەدەنىيلىك بۇ زېمىندا ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇر چېچىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېپوسىنى پۈتتى. يىپەك يولى، چاي يولى، خۇش پۇراق ماتېرىياللار يولى قاتارلىق قەدىمكى سودا يوللىرى يىپەك، چاي، فارفور، خۇشپۇراق ماتېرىيال، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيالىقلار ئەجدادلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشلىرىنى خاتىرىلىدى. ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول»، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك»، «ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى» قاتارلىقلار مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئەلئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قىزغىن قانات يايدۇردى، ئاسىيا مەدەنىيلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمى ھەم دۇنيا مەدەنىيلىكى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۈگۈنكى ئاسىيانىڭ كۆپ خىللىق ئالاھىدىلىكى يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان دىنلار مۇجەسسەملىشىپ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، رەڭدار ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق ھاسىل قىلدى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئۆزئار گىرەلىشىپ نۇر چېچىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  «ھەرخىل خۇرۇچلار قوشۇلسا، شورپا تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى. «پارلاق ئاسىيا مەدەنىيلىكى دۇنيا مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىنىڭ رەڭدار سەھىپىسىنى پۈتتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئاسىيا بولغاچقا تېخىمۇ پارلاق ۋە كۆركەم تۈسكە كىردى.» خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، دىندىن پەلسەپەگىچە، ئەخلاقتىن قانۇنغىچە، ئەدەبىياتتىن رەسىمگىچە، تىياتىردىن مۇزىكىغىچە، شەھەردىن يېزىغىچە، ئاسىيا قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن ئۆچمەس ئەسەرنى پۈتۈپ، كامالەتكە يەتكەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سەنئەت گۆھەرلىرىنى قالدۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈم نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانى مول مەدەنىيلىك تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى. ئاسىيانىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخى شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرساق، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرساق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرساق، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرساق، بىز ئاندىن ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئاندىن تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ، تېخىمۇ تاللاش ئىمكانىيىتى بولغان كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ.

  «يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك؛ تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك.» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىگە ماسلىشىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان رىشتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل مەدەنىيلىكنى ئىناق، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قىلىپ، ھەممە كىشىنى مەدەنىيلىك ئوزۇقىدىن بەھرىمەن قىلساق، بىز ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى