تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەسلىگە ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسى سەپلەندى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئونسۇ، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن): «بېيجىڭ ئېلىمىزنىڭ پايتەختى، بىر گۈزەل شەھەر...» 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتى يەسلىسىگە سەپلەنگەن ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسىدىن يېقىملىق دېكلاماتسىيە ئاۋازى ئاڭلاندى، ئالتە ياشلىق دىلرەبا جۇماق قولىغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن چېكىپ ئوقۇش قەلىمىنى تۇتۇپ، ئۈستەلدىكى رەسىملىك كىتابنى چېكىپ، تىڭشىغۇچنى تاقاپ ئەستايىدىل ئەگىشىپ ئوقۇماقتا ئىدى.

  2018-يىلى 3-ئايدا، قۇرۇل كەنتى يەسلىسىدە ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر، ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرسخانىغا ئايلاندى» دېدى يەسلى باشلىقى لى مېڭ.

  جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فاڭ جۇڭيىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى 9-ئايدا، جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئونسۇ ناھىيەسى داۋشياڭ يولى يەسلىسىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسىنى قۇرۇپ، ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى يەتتە يەسلىگە ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسى سەپلەنگەن بولۇپ، 2019-يىلى بۇ ناھىيەنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى يەسلىلەرنى ئاۋازلىق بالىلار كىتابخانىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى