تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇن: ئۆرۈك پىشتى، جايلاردىكى سودىگەرلەر بەس-بەستە سېتىۋالدى

ئۆرۈكلەرنى ئايرىپ قاچىلاش

ئۆرۈك سېتىۋېلىش

ئۆرۈك سېتىۋېلىش

  تۇرپان گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر لى جىڭخەي، خۇ گوكەي): 5- ئاينىڭ 11- كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈك سېتىۋېلىش بازىسىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئۆرۈكلەرنى سېتىۋالدى. 5- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى 100 توننىغا يېقىن ئۆرۈك سودىسى بۇ يەردە پۈتۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىلىك سودىگەر فەن ئەپەندى ھەر يىلى توقسۇنغا كېلىپ ئۆرۈك سېتىۋالدى. 2018- يىلى، ئۇ بۇ يەردە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆرۈكلۈك باغ زاكاز قىلىپ، 70 نەچچە توننا ئۆرۈك سېتىۋېلىپ، ناھايىتى ئوبدان باھادا ساتتى.

  مۇختەر روسۇل شۇ يەردىكى داڭلىق ئۆرۈك ۋاسىتىچىسى، ئەسلىدە ئۇ بىر كىچىك ئاشپۇزۇل خوجايىنى بولۇپ، كىرىمى ئادەتتىكىدەك ئىدى. ھازىر ئۇ سېتىۋالغان ئۆرۈكلەر شىنجاڭدا سېتىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، بىر يىلنىڭ ئون نەچچە كۈنىدىلا، ئۇ 60 نەچچە توننا ئۆرۈك سېتىپ، 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ.

ئۆرۈكلۈك باغدا، توقسۇن ناھىيە شا يېزا نەخۇل كەنتى كەنت ئاھالىسى بۇرھان سۇلتان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈزۈلگەن ئۆرۈكلەرنى ئايرىپ قاچىلماقتا.

مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئۆرۈك شاخلىرى

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىپقىزىل ئۆرۈكلەر

  شۇ كۈنى، مۇخبىر بۇ ناھىيەنىڭ شا يېزا نەخۇل كەنتى كەنت ئاھالىسى بۇرھان سۇلتاننىڭ ئۆرۈكلۈكىگە كىردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆرۈك ئۈزۈش، ئايرىش ۋە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «20 موغا يېقىن ئۆرۈك ئۆستۈردۈم، بۇ يىل ئۆرۈكنىڭ مېۋىلەش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، بىر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى بىر توننا ئەتراپىدا، ھەر مو يەردىن 5000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن» دېدى بۇرھان سۇلتان خۇشال ھالدا.

  ھازىر، توقسۇن ئۆرۈكىنىڭ ئاساسلىق سورتلىرىدىن سۇلتان ئۆرۈكى، چوڭ ئاق ئۆرۈك، كىچىك ئاق ئۆرۈك، جىنتەيياڭ، كەيتې ئۆرۈكى ۋە فېڭيۈەنخۇڭ قاتارلىقلار بار، بولۇپمۇ سۇلتان ئۆرۈكى پوستى نېپىز، شىرنىسى كۆپ، ئېتى قېلىن، مېغىزى تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018 ـ يىلى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 72 مىڭ موغا، مېۋە بېرىش كۆلىمى 47 مىڭ 300 موغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى