خېيلۇڭجياڭ چوناخې دەرياسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خۇما ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، داشىڭئەنلىڭنىڭ شەرقى چېتىگە، يىلېخۇلىشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، داشىڭئەنلىڭ، شياۋشىڭئەنلىڭ مۆتىدىل بەلباغ يىڭنە-كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاشما ئورمانلىقىنىڭ ئۆتكۈنچى بەلبېغىغا جايلاشقان، ئورمان بىلەن سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى بىر گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ بىلەن مۆتىدىل بەلباغ گىرەلەشكەن رايوندىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق — سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى قوغداش ئوبيېكتى قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندا قۇش تۈرىدىن جەمئىي 234 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇش تۈرىدىن سەككىز خىل، ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن 36 خىل بار ئىكەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، مۇھاپىزەت رايونى ياۋا قۇشلارنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاچقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، ھاۋانىڭ ئۈزلۈكسىز ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل پەسىل قۇشلىرى كۆپلەپ بۇ جايغا قايتىپ كېلىشكە باشلىغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى