تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يەكەندىكى 300 نەپەر ياش-ئۆسمۈر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شاڭخەيگە بېرىپ، ئۆگىنىش تىپىدىكى ساياھەت قىلىش، دوستلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ

يەكەندىكى 300 نەپەر ياش-ئۆسمۈر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شاڭخەيگە بېرىپ، ساياھەت، ئۆگىنىش، دوستلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ

  مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەلى، نۇربىيە خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىن 100 نەپەر ياش-ئۆسمۈر شاڭخەيدىكى يەتتە كۈنلۈك شادلىق سەپىرىنى باشلىدى، ئۇلار 2019-يىلى شاڭخەي يەكەن ياش-ئۆسمۈرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يەكەندىن شاڭخەيگە بارىدىغان 2-تۈركۈمدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردۇر.

 لاگىر باشلانغان تۇنجى كۈنى، بالىلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ««دۇنيا كۆۋرۈكى» ـــ دۇڭخەي چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، شاڭخەي خەلقئارا سۇ تىرانسپورت مەركىزى ياڭشەن چوڭقۇر سۇ پورتى شىلۇڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، ئۆگىنىش، بايقاش، ئىزدىنىش سەپىرىنى باشلىدى.

  شاڭخەي خەلقئارا سۇ تىرانسپورت مەركىزى ياڭشەن چوڭقۇر سۇ پورتى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئاپتوماتلاشقان كونتېينېر (يۈك ساندۇقى) پىرىستانى. مەنزىرە رايونىغا كىرىپ، تاش پەلەمپەينى بويلاپ ئۈستىگە چىققاندا، 2600 مېتىرلىق سەيلى - ساياھەت لىنىيەسى پۈتكۈل مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ھەرخىل ئاجايىپ-غارايىپ تاغ جىنسلىرى ئارالنى قاپلىغان بولۇپ، كىچىك دوستلار بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلىدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىزنى كۆرۈشۈم، پاراخوتنى كۆرۈپ شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلدىم!» دېدى يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەرھابا ھاياجانلانغان ھالدا.

  بۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ شاڭخەيگە تۇنجى كېلىشى ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا پېتىپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا پۈتكۈل دېڭىز قولتۇقى خۇددى ئالتۇن رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى، 14 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر دېڭىزغا قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى، يېنىدىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويغاندىلا، ئۇ ئاندىن ئېسىگە كېلىپ: «كەلگۈسىدە بۇ يەرگە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ھەركۈنى دېڭىزنى كۆرگىلى كېلىمەن.» دېدى.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، بالىلار دېسنىي كىچىك بازىرىغا كېلىپ، خېچىڭ خولۇڭگو مېۋىسى بازىسى ۋە ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «بۇ يەردە نۇرغۇن قىزىقارلىق نەرسىلەر بار ئىكەن، مەن تۇنجى قېتىم شياڭجياۋ دەرىخىنى، خولۇڭگو دەرىخىنى كۆردۈم، ئەمەلىي نەرسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئاندىن مۇئەللىمدىن ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئاڭلىساق، تېخىمۇ جانلىق ئوبرازلىق ھېس قىلىدىكەنمىز، بۈگۈن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەن كۆرگەنلىرىمنى، ئۆگەنگەنلىرىمنى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن.» دېدى تولۇقسىز 2-يىللىقتىكى قىز ليۇ يىڭ.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، بالىلار يەنە شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى، شاڭخەي مۇزېيى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى، شاڭخەي دېڭىز سەپىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شاڭخەينىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، دېسنىي شادلىق باغچىسى، شەرق مەرۋايىتى مۇنارى، شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى، دېڭىز-ئوكيان سۇ جانلىقلىرى سارىيىدا قانغۇچە ئويناپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى كۆپەيدى شۇنداقلا شاڭخەي شەھەرلىك گۇڭلۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، قوشماقلىشىپ دوست بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق باش ئىشتابى يەكەن تارماق قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ يىل يەكەندىن 300 نەپەر ياش-ئۆسمۈر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، شاڭخەي پۇدۇڭغا بېرىپ، ساياھەت، ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.  4-ئاينىڭ 21-كۈنى  تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 نەپەر يەكەنلىك ياش-ئۆسمۈرنىڭ يەتتە كۈنلۈك شاڭخەي سەپىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان. 

  2017-يىلىدىن باشلاپ، شاڭخەي ـــ يەكەن ئىككى جايدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ھەر يىلى يەكەندىكى نەچچە تۈركۈم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شاڭخەيگە بېرىپ ساياھەت، ئۆگىنىش پائالىيتىگە قاتنىشىپ، دوستلۇق ئورنىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى