تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 25 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. 2019-يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى باشلىنىدۇ، خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 25 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جۇ تىڭ كوماندا باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن كوماندىغا باشچى بولدى.

ماتېرىيال سۈرەت: كوماندا باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جۇ تىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تايىنىدىغان ئاساسىي ھۇجۇم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بەش بېكەتلىك تارماق بېكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، بىردىنبىر چەت ئەل تارماق بېكىتى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە شۋېتسارىيە ئاياللار ۋالىبول ئۇستىلىرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان بۇ كوماندىنىڭ كۆپ سانلىق ماھىرلىرى بىۋاسىتە بىرازىلىيەگە بېرىپ ساھىبخان كوماندىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆت بېكەت مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋمىن، شياڭگاڭ، جياڭمېن ۋە بېيلۈندە كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يىللىق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە داۋاملىق نەنجىڭدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسى ساھىبخان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى، شۇڭا تارماق بېكەت مۇسابىقىدە نەتىجە بېسىمىگە ئۇچرىمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ياش توپچىلارنى چېنىقتۇرالايدۇ.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 25 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكى

  جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 25 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

  ھۇجۇمچى: جۇ تىڭ (كوماندا باشلىقى)، جاڭ چاڭنىڭ، ليۇ شياۋتۇڭ، لى يىڭيىڭ، ليۇ يەنخەن، دۇەن فاڭ، جاڭ يىچەن، جىن يې، چې ۋېنخەن.

  قوشۇمچە ھۇجۇمچى: يۈەن شىنيۆ، ياڭ خەنيۈ، خۇ مىڭيۈەن، ۋاڭ يۈەنيۈەن، جېڭ يىشىن، يەن نى.

  ماسلاشقۇچى: گۇڭ شياڭيۈ، زېڭ چۈنلېي، دۇ چىڭچىڭ.

  ئىككىنچى پاس: دىياۋ لىنيۈ، ياۋ دى، سۈن يەن، دىڭ شيا.

  ئەركىن توپچى: لىن لى، ۋاڭ مېڭجيې، نى فېيفەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى