تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

بوغدا كۆلى، نەنسەندە قار ياغدى، 5-ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ قار كۆرۈڭ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ خې، لياۋ يۈەن، ليۇ يىڭ): «5-ئايدىمۇ قار كۆرگىلى بولىدۇ، مېنىڭ سىچۈەنلىك دوستلىرىم ئىنتايىن ھەيران قالدى.» 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باۋفېڭشۆ قار تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى لياۋ يۈەن سىچۈەندىن كەلگەن ئون نەچچە دوستىنى باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىغا بېرىپ قار كۆردى.

  لياۋ يۈەن مۇنداق دېدى: دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن. بۈگۈن ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ تاغ چوققىسىغا چىقىپ قارنى كۆرگەندىن كېيىن بەك خۇشال بولدى، بۇ پەسىلدە قار ياغىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

  يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 يېرىم ئەتراپىدا قار يېغىشقا باشلىدى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2300 مېتىر كېلىدىغان ئېرۋىن ياغاچ ئۆيى تەرەپتە، 7-8 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قار ياغدى، مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، قار ئېتىپ، قار مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىپ، ناھايىتى خۇشال ئوينىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىمۇ ئوخشاشلا قار ياغدى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يىڭ مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتىلا قار يېغىشقا باشلىدى، قار ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ يېغىپ تاكى بۈگۈن چۈشتە ئاندىن ھاۋا ئېچىلدى. ھازىر مەنزىرە رايونىدا كۈركۈم گۈللىرى ئېچىلدى، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر، تاغ-دەريالار ۋە گۈللەرنى كۆرۈشتىن باشقا، يەنە قارنىمۇ كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش