تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

5- ئاينىڭ 17- كۈنى قومۇل قارادۆۋە بازىرىغا كېلىپ، شېرىن تەم بىلەن ئۇچرىشىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن) «5 ـ ئايدا ئۈجمە، 6 ـ ئايدا ئۆرۈك، 7 ـ ئايدا قوغۇن»، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قومۇل شەھىرىدىكى ئۇچار كەسلەنچۈك يۇرتى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر بازىرى — قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى 5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرى 3- نۆۋەتلىك ئۈجمە بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «زامان- ماكاندىن ھالقىپ، قومۇلدا ئۇچرىشىش» 2019- يىللىق شېرىن ساياھىتى باشلىنىدۇ.

  5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3- نۆۋەتلىك ئۈجمە بايرىمى ئۈجمىنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا شۇ جاينىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

  قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىدە، ئەڭ قەدىمىي ئۈجمە دەرىخى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، دەرەخ غولىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 8.6 مېتىر بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن نەچچە ئادەم قول تۇتۇشسا ئاندىن دەرەخنى قۇچاقلىيالايدۇ. بوستان كەنتىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۈجمىلەرنى چوڭ ھەم تاتلىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن.

  بۈك-باراقسان قەدىمىي ئۈجمە دەرىخىدىن ئۆتۈپ يىراققا نەزەر سالغاندا، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە سېلىنغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى جايلاشقان جاي. مىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرى، بۇ يەر ئاۋات ناھىيە بازىرى ئىدى، سودىگەرلەرنىڭ قەدەملىرى، ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازى، شەھەرنى قوغداۋاتقان قاراۋۇللار، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئات- ھارۋىلار، كۆز ئالدىڭىزدىكىدەكلا تۇرىدۇ. بوستان كەنتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلاردىكى ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتلىرى قاتارىغا كىرگەن.

  قارادۆۋە بازىرىغا كېلىپ ئۈجمە بايرىمىغا قاتناشقان ساياھەتچىلەر، قەدىمىي  تۇرالغۇلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، يەنە قومۇلدىكى موگۇيچېڭغا بېرىپ، بىر قېتىملىق بايقاش ساياھىتى قىلالايدۇ.

  قارادۆۋە بازىرىغا مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە يارداڭ يەر شەكلى تارقالغان رايون — قومۇل موگۇيچېڭ جايلاشقان. موگۇيچېڭدا قەلئە، ساراي، ئادەم، ھايۋانلارغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان، شەكلى ھەر خىل مەنزىرىلەر، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تىك قىيالار، شۇنداقلا تاش- شېغىللار ئارىسىغا ئارىلىشىپ قالغان رەڭگارەڭ ھېقىق، ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، شاخ-يوپۇرماقلىرى ئېنىق ئۆسۈملۈك تاشقاتمىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىدە تېخى دىنازاۋۇر تۇخۇمىنىڭ تاشقاتمىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك يۇمىلاق تاشلار، دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ تاشقاتمىلىرى، قۇشلارنىڭ تاشقاتمىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە، بەزىدە غوڭۇلدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، «موگۇيچېڭ» دېگەن ناممۇ شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈجمە بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ئۈجمىنى ھەقسىز تېتىغاندىن باشقا، يەنە بوستان كەنتى قەدىمىي كوچىسىدا ئورۇنلىنىدىغان كۇەيشەن «سېنى سۆيىمەن، جۇڭگو»، قەدىمىي چىلان دەرىخى، قەدىمىي تۇرالغۇنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تىلەك تىلەش، قارادۆۋە بازىرى سودا كوچىسى كەشتىچىلىك دۇكىنى قول ھۈنەر- سەنئىتى بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى، موتوسىكلىت دالا مۇسابىقىسى ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تاماشا قىلالايدىكەن. بۇ ھەپتە ئاخىرىدا، ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ قومۇل قارادۆۋە بازىرىغا كېلىڭ، يۈز يىللىق ئۈجمە دەرىخىنىڭ مېۋىسىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر تارىخىنى «ۋاراقلاپ»، مىليون يىللىق يارداڭ يەر شەكلىنىڭ ھەيۋىتى ۋە گۈزەللىكىنى بىرلىكتە ھېس قىلايلى!

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى