تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى 6-ئايدا غۇلجا — كورلا — تيەنجىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن): 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرنىڭ كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى غۇلجا — كورلا — تيەنجىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى» بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى زىچ باغلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بوشلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم يېڭى ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ نومۇرى CA8351/ 8352 بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە تيەنجىن بىنخەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 13دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 14دە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 16دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 18دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دە تيەنجىن بىنخەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يولۇچىلار جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى APPسى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى ئورگان تورى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى قىزىق لىنىيە نومۇرى 95583 ۋە ھەرقايسى ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدا بېلەت سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ APP سىدا بېلەت سېتىۋالغاندا يەنە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئالاھىدە ئېتىبار باھادىن بەھرىلىنەلەيدۇ، كورلا - تيەنجىن يەككە مۇساپىسىنىڭ ئايروپىلان بېلەت باھاسى 420 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، كورلا ۋە كورلا ئەتراپىدىكى يولۇچىلار مۇشۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، شيامېن، فۇجوۋ، شاڭخەي، ۋېنجوۋ قاتارلىق مەملىكىتىمىزدىكى 37 شەھەرگە ئايروپىلان ئالمىشالايدۇ، ھەمدە تيەنجىندە بىر كەچ مېھمانخانىدا ھەقسىز قونالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى