تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى

مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ

5- ئاينىڭ 14- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جولۇن، گەي بومىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 5- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  باش يازدىكى بېيجىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. كەچتىكى خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئاسىيا ھەمكارلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ماكانى، ئۇزاق تارىخنىڭ جۇغلانمىسىدا، ئاسىيانىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيلىكى جىلۋە قىلىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇزاق مەدەنىيلىك خاتىرىسى ۋە غايەت ھەيۋەتلىك مەدەنىيلىك خەرىتىسىنى ساقلىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئالماشتۇرۇلۇپ، سىغدۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا مەۋجۇت بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك گۈللىرى دۇنيا سەھنىسىدە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان تارىخىي ۋارىسلىق جەريانىدا ئۆزئارا قوبۇل قىلدى، ئۆزئارا توپلىدى، يېڭىلىق يارىتىپ يۈكسەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەتە، بىز ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولىنى بىرلىكتە پىلانلايمىز. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى دۆلەت مەدەنىيلىكىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا چاقنىتىمىز.

  زىياپەت خۇشال - خۇرام كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. مېھمان - ساھىبخانا سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك سۆزلىرىنى ئورتاق بايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.