لۇ فېڭباۋ
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئەڭ تېز يولى نېمە؟ ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش! جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولالايدۇ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2017- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى تۈركۈملەپ ئۆيلىرىدىن چىقىپ، كارخانىلارغا كىرىپ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئۇلار يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كېلىپ، ئېتىزلىقلاردىن سېخلارغا كىرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، كىرىمىنى ئاشۇردى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى تولۇپ تاشتى، روھىي كەيپىياتىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.
كارخانىدا نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ جىددىي ھەم قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ بېيىۋاتقانلىقىنى، بەخت كۈلكىسىنىڭ ھەر ۋاقىت چېھرىدە جىلۋىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن روھىي كەيپىيات دەل يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ. مۇشۇنداق روھىي كەيپىيات بولغاندىلا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ ئاساسقا ئىگە بولىدۇ!