تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 2019- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئېھتىياتچان ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، ئەڭ كەسكىن جاۋابكارلىققا تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئىستېمال مىقدارى كۆپ بولغان نۇقتىلىق يېمەكلىكلەر، نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ تۇپراقنى ياخشىلاش، يەرنى ئوغۇتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ھەربىر ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ھېسابات دەپتىرى تۈزۈمى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش تۈزۈمى، مۇكاپاتلىق پاش قىلىش تۈزۈمى، قارا تىزىملىك تۈزۈمى قاتارلىقلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قاراڭغۇ رايون ۋە ئۆلۈك بۇلۇڭلارنى تۈگىتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «ئەڭ قاتتىق جازا» ئارقىلىق «قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلى تۆۋەن بولۇش»تەك جاھىل كېسەلنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ساھە باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى ھەم ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يىللىق (نەتىجە - ئۈنۈم) تەكشۈرۈپ باھالىشىغا ۋە تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ باھالاش - باھا بېرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» «2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان خىزمەت ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى