تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش تۇنجى قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش تۇنجى قارارلىق كۇرسىدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇش باشلاندى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش باش ۋەزىپە قىلىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى جەزمەن باشتىن - ئاخىر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي تەلەپنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش، سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن روھ ئارقىلىق زور ئىشتىياق باغلاش ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆگىنىشنى خىزمەتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ دائىم «نەزەرىيە ئوكسىگېنى» سۈمۈرۈپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاش، ئىدىيە مەنبەسىنى مۇستەھكەملەش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ھەمتۈرتكە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى