قىزىلگۈل شاخلىرىدىكى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىلار.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ، نيې نىڭ، ما شاۋبىن): 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، مۇخبىرلار شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئون مىڭ مولۇق قىزىلگۈل ئېكىنزارلىقىغا كەلدى. گەرچە، قىزىگۈل ئېچىلىش مەزگىلى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ يەر يەنىلا بىر پارچە گۈل دېڭىزى ئىدى. سەھەر سائەت 5تىن باشلاپ، ئۈزۈش ئىشچىلىرى ئۈزلۈكسىز بۇ يەرگە كېلىپ قىزىلگۈل ئۈزۈشكە كىرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كېرىيە ناھىيەسىدە جەمئىي 50 مىڭ موغا يېقىن قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلۈپ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 6000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا زور ياردەم بەرگەن.