تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئالتاي شەھىرى: نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتە يېڭى ئىستىل تىكلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، سىم-سىم يامغۇر ياغقان ئالتاي شەھىرىدە ھاۋا سەل سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن سارخۇلسۇن يېزىسى سارخۇلسۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كوشەت بادىكنىڭ ھويلىسى باشقىچە قىزىپ كەتتى.

  «ئىككى كۈن ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئۆيۈمگە كەلگەندە، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇنداقلا قىلىپ: ياز كۈنلىرى ئۆي ئىچىدە تاماق ئەتسەك ئۆي بەك ئىسسىپ كېتىدۇ، ھويلىغا بىر كىچىك ئاشخانا سېلىۋالغۇم بار ئىدى، بىراق بۇنىڭغا چامىم يەتمىدى، دېگەن ئىدىم. كىم ئويلىسۇن، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇلار كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ماڭا ئۆي سېلىپ بەرگىلى كەپتۇ، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى كوشەت خۇشال ھالدا.

  كوشەتنىڭ پۇت-قولى 2-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى، ئېرى بۇلتۇر كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، ئانا-بالا ئىككىيلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنىدى. كوشەت ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ھويلىسىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە قايتىدىن تۈزەپ رېمونت قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ مەبلەغ توپلاپ، ئۆي سېلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.

  كۆپچىلىكنىڭ ئىككى كۈنلۈك جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئاشخانا پۈتۈپ چىقتى، «ئۈچ رايونغا ئايرىش»مۇ دەسلەپكى كۆلەمگە ئېرىشتى. (ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جياۋ خۇيجۈەن، شياۋ جۈ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى