كونىلاردا «خوتۇن خۇشال بولسا، ئائىلە بەختلىك بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئامېرىكا رۇتگېرس داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىمۇ بۇ نۇقتا ئىسپاتلاندى: ئەگەر خوتۇنى ئائىلە تۇرمۇشىنى بەختلىك دەپ تەرىپلىسە، ئېرىنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جورىسى خۇشال بولسا، مەيلى ئەر ياكى خوتۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇپلا قالماي، ئۆمرىنىڭمۇ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
گوللاندىيە تىلبۇرگ داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگى ئولگا ئىستافلوف 4000دىن ئارتۇق ئەر-خوتۇننى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغان، بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتچى بۇ ئەر-خوتۇنلارنى 8 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قاتار پىسخىكا ۋە بەدەن ئەھۋالىنى ئۆلچەپ خاتىرىلەپ ماڭغان. نەتىجىدە، جورىسىنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، جورىسى خۇشال بولمىغان، بەختلىك بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، جورىسى بەختلىك، خۇشال كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.
جورىسىنىڭ بەختلىك، خۇشال بولۇشى، دەل ئۇلارنىڭ «ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى» دېگەنگە قەتئىي ئىشەنگەنلىكىدىندۇر. مەزكۇر تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ جىنسى، ئىرقى، تەربىيەلىنىشى، ئائىلە كىرىمى قاتارلىقلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەتقىقات يەكۈنى يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالايدىكەن. شۇڭا تەتقىقاتچى مۇنداق كۆرسەتتى: خۇددى ساغلام يېمەك-ئىچمەك، نورمال بەدەن ئېغىرلىقى، ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىنىگە ئوخشاش، جورىسى خۇشال بولسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «جورىسى خۇشال بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەننى ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن. بىرىنچى، جورىسى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تېخىمۇ خالايدىكەن، بولۇپمۇ كېسەلچان، تېنى ئاجىز ۋاقىتلاردا؛ ئىككىنچى، جورىسى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپ بىلەن تاكاللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بېسىم تۇيغۇسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ ئۈچىنچى، بەختلىك، خۇشال ئادەم جىسمانىي پائالىيەت جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، جورىسىغىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەزكۇر تەتقىقات باغلىنىشلىق تەتقىقات بولۇپ، ھەرگىزمۇ جورىسىنىڭ خۇشال بولۇشى بىلەن ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.