تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاچا، مېنى كېسەل كۆرسىتىشكە ئېلىپ بارغىنىڭلارغا رەھمەت

«قاھار تۇرسۇن، دوختۇرخانىدا يېتىشقا كېتىدىغان زاكالەت پۇلىنى ئېلىپ كەلدىم.  مەھەللىنىڭ چېن شۇجىسى بىلەن ھازىرلا سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمىز. نەرسىلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە تەييارلىق قىلىڭ.» 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نەنچېڭ كوچىسى لىدۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لو خۇي ۋە مەھەللىنىڭ شۇجىسى چېن تىڭ ئەتىگەندە جېشاڭ لىدۇ ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 4-ئىشىكتە ئولتۇرۇشلۇق قاھار تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كەلدى. «ماقۇل، رەھمەت ئاچا، مەن ھازىرلا تەييارلىق قىلاي!» قاھار تۇرسۇننىڭ يۈزىدە ئۇزاقتىن بۇيان يوقالغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

 بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن قاھار تۇرسۇن ئورۇق، چىرايى سارغايغان بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەھۋال ئىگىلىگىلى كىرگەندە، ئۇنىڭ دائىم غەمكىن  ھالدا كارىۋاتتا ياكى گىلەم ئۈستىدە ياتقانلىقىنى كۆرەتتى، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت ئىزدىگۈدەك ماغدۇرى يوق ئىدى. قاھار تۇرسۇندىن نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ دائىم دۇدۇقلاپ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيتتى: «پۇتۇمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا ئۈچ، تۆت يىلدەك بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ يانپېشىم ئاغرىسا ئورنۇمدىن قوپالماي قالىمەن، بەك قاتتىق ئاغرىغاندا، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىپ ئاغرىقنى پەسەيتىمەن.» دەيتتى. لو خۈي ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلدايتتى، نەچچە قېتىم ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە ئالدىراتتى، لېكىن ئۇ ھەر قېتىم ماقۇل دەيتىيۇ ئىزچىل دوختۇرخانىغا بارمايتتى.

    «سىز دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسىڭىز پۇل كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ بۇلتۇر بىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كىرىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئۈچ جان كىشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېتىۋالدىڭلارغۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالنىتسىدا يېتىپ داۋالانساڭلار دۆلەت ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ. سىز يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىسىز، يەنە كېلىپ سىز تېخى ياش تۇرسىڭىز، كېسەلنى داۋالاتماي، ئارقىغا سوزىۋەرسىڭىز ئېغىرلاپ كېتىدۇ. پەقەت كېسەلنى ساقايتىپ، ئاندىن خىزمەت تاپسىڭىزلا تۇرمۇشىڭىز بارغانسىرى باياشات بولىدۇ!» 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەھۋال ئىگىلىگىلى كىرگەن لو خۈي سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى، قاھار تۇرسۇن ئاخىرى ئۇزاقتىن بۇيان دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئېيتىپ بەردى. ئۆيدە پۇل يوق، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى پەقەت ئايالى گۈلنۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق ئىدى، ئايالىنىڭ ھەر ئايلىق مۇئاشى تۇرالغۇ ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرغاندىن سىرت، ئۈچ جاننىڭ تامىقى، كىيىم-كېچىگىلا يېتەتتى، ئۇ دوختۇرخانىدا ياتسا ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ئۆزى بۇ پۇلنى راستىنلا چىقىرالمايتتى.

    لو خۈي مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ چېن تىڭغا قاھار تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىلدى. «ئارقىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ، بىز ئاۋۋال قەرز بېرىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارساق بولارمۇ؟» دېدى لو خۈي تەكلىپ بېرىپ. «ماقۇل، شۇنداق قىلايلى، زاكالەت پۇلىنىڭ يېرىمىنى مەن بېرەي.» دېدى چېن تىڭ قەتئىي ھالدا.

    چېن تىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاھار تۇرسۇننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، رېنتىگىننىڭ نەتىجىسىدە قاھار تۇرسۇننىڭ ھەقىقەتەن يانپاش بوغۇمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. لو خۈي بىلەن چېن تىڭ قاھار تۇرسۇننىڭ كېسىلىنى ياخشىراق داۋالىتىش ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇنىڭ بالنىستتا يېتىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەردى.

       كېتىدىغان چاغدا، چېن تىڭ قاھار تۇرسۇننى ئىلھاملاندۇرۇپ: خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش بىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ، مەھەللە خىزمىتىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم  ۋەزىپىسى،  ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلىدە، كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بار بولسا، ھەممىسى تېگىشلىك ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، سىز خاتىرجەم ھالدا بۇ يەردە يېتىپ كېسىلىڭىزنى داۋالىتىڭ، بىز بار، سالامەتلىكىڭىز بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئىش بولسا بىزگە تېلفون قىلىڭ!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى