ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې، جياڭ شياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۈەنشياڭ): 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، 15 يۈرۈش رەڭگارەڭ، شەكلى ھەر خىل گۈل دۆۋىسى شىداچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ يارقىن مەنزىرىسىگە ئايلىنىپ، رەڭدارلىققا تولغان شەھەر باغ-ئورمان مەنزىرىسى بەرپا قىلىندى.
بىرىكمە گۈل دۆۋىسىنىڭ شەكلى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنى توختاپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.
«بۇ گۈل دۆۋىلىرىنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، كوچىدىكى سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئوخشايدىكەن.» دېدى، شەھەر ئاھالىسى لى مىنجېن. ياز ئايلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەن، شىداچياۋ قالتىس مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر بۇ جايدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ئۆزگىچە زوق ئالىدىغان بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەنئېرۋو مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئىنژېنېرى ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى شىداچياۋغا تىزىلىدىغان گۈل دۆۋىلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى 15 بىرىكمە گۈل دۆۋىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە كوچا مەنزىرىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، رەڭ قاتلىمى تۇيغۇسى كۈچلۈك. بۇ قېتىمقى گۈل دۆۋىسىنى تىزىشتا تۆمۈر دەرەخ، ئافرىقا يەسىمەنگۈلى، سەنجياۋمېي، ئەتىرگۈل قاتارلىق 10 خىلدىن ئارتۇق سورتتىكى يېشىل گۈل-گىياھ، 500 تەشتەكتىن ئارتۇق تاجىگۈل، پۈچەكگۈل ۋە رەڭلىك يوپۇرماقلىق ئوت قاتارلىقلاردىن 120 مىڭ تۈپ ئىشلىتىلگەن.