تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۆكتات پارنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى مايقاق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، پىلانلاپ رەتلەنگەن يەرگە ھەر خىل رەڭلىك كۆكتات ۋە مېۋىلىك دەرەخنىڭ تېرىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، يېشىللىققا تولغان پارنىك كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.

  «بۇ پەسىلدە پارنىك ئىچى نەم ئىسسىق بولغاچقا، كۆكتات يوپۇرماقلىرى ئاسانلا سارغىيىپ ياكى كۆكپىت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، پارنىك ئىچىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى كونترول قىلىش لازىم.» پارنىكتا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گۈلەن سادىق چارۋىچى پەرىگۈل مەمەتھەسەنگە پارنىكتا كۆكتات پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمەكتە ئىدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چارۋىچىلارغا پارنىكتا كۆكتات پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرمەكتە.

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى مايقاق باشقۇرۇش كومىتېتى 411 كۆكتات پارنىكىنى تەۋەلىكىدىكى 411 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلىرىنىڭ تېرىشىغا بۆلۈپ بەردى. تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا پىششىق ئەمەس ئىدى، خىزمەت ئەترىتى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى ۋە ئېتىز باشلىرىدا پارنىك كۆكتاتچىلىقىغا دائىر كەسپىي دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، كۆپچىلىكنى كۆكتات تېرىقچىلىقىغا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلدى.

  «دەسلەپتە پارنىك بۆلۈپ بېرىلگەندە، ئازراق دەككە-دۈككە بولغان ئىدىم، كۆكتاتنى ياخشى تېرىيالماسلىقىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم، بەختكە يارىشا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىزگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلار بىزگە مايسا يېتىشتۈرۈش، ئوغۇتلاش ۋە ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، مەن شوخلا بىلەن كاۋا تېرىدىم، ھازىر ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت!» دېدى پەرىگۈل خۇشال ھالدا.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى پۇ شۈشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز كۆكتات تېرىقچىلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى كەسىپ ئورنىدا كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى چارۋىچىلارغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى يەر تېرىيالايدىغان قىلىپلا قالماي يەنە ياخشى تېرىيدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىمىز!» (ئۇلۇغچات ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن يەن چۈن، ئايچۈرۆك تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى