
مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: بۇ بىر قانچە كۈندە شىمالىي شىنجاڭدا ھاۋارايى تۇراقسىز بولىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك كۈنلۈك ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگىنى ياخشى، بۇنداق بولغاندا ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ.
بۈگۈن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، شۇڭا بۇ جايدىكىلەر كىيىنىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئاپتاپسىنىپ كالتسىي تولۇقلاشقا ماس كېلىدۇ.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. ئەتىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا يەنە تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. يەنە بىر قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شۇڭا ئاپتوموبىلى بار دوستلار ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلنى يۇيۇشقا ئالدىرىماڭ.
