«بالىلاردىكى زىققە كېسىلى بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى بولۇپ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى نەپەس جىددىي بولۇش، ھاسىراش، نەپەس يولى تەكرار يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. يەنە بەزى تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بار، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، كۆكرەك سىقىلىش قاتارلىقلار، يەنە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى، ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. ئەگەر زىققە كېسىلىگە بولغان تونۇش يېتەرلىك بولمىسا، ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.» دېدى چۇڭچىڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ليۇ جېڭ تونۇشتۇرۇپ، ئەگەر زىققە كېسەللىك جەريانى ئارقىغا سوزۇلسا، تەكرار گازلىق كۆكرەك، ئۆپكە كېرىلمەسلىك، كۆكرەك قەپىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ، بالىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىلاردىكى زىققە كېسىلىگە بولغان تونۇشتىكى خاتا قاراشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك ئىكەن. مەسىلەن، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى زىققە كېسىلى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزى ساقىيىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. «ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، زىققە كېسىلى ئالامەتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، ئەمما زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىسمەن بالىلاردا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن يەنىلا قايتا قوزغىلىدۇ. شۇڭا، بالىلاردىكى زىققە كېسىلىگە قارىتا بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» دېدى ليۇ جېڭ.
دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە زىققە كېسىلىنىڭ ساقايغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ بۇنداقمۇ ئەمەس. دوختۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پەسەيتىش دورىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، گەرچە كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقالسىمۇ، ئەمما نەپەس يولى ياللۇغى يەنىلا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. زىققە كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ھەمدە قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسىدا دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنى تەڭشەپ، زىققە كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.