تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

سۇنىڭ كوماندىسى مەملىكەتلىك ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە چېمپىيون بولدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جياڭسۇ سۇجوۋدا ئاخىرلاشتى، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى 0گە قارشى 3 نەتىجىدە داليەن كوماندىسىنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇنىڭ كوماندىسى يەنە مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋەر ۋاراتار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئىككى ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇسابىقە جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن داليەن كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەتلىك ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، سۇنىڭ كوماندىسى يەنە نۇرغۇنلىغان شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، باش تىرېنېر جېسىلىن شەرەپلىك ھالدا مۇنەۋۋەر تىرېنېر بولدى، 15 توپ كىرگۈزگەن چەت ئەللىك ماھىر تابىسا مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، لۇ فېيفېي مۇنەۋۋەر ۋاراتار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى