خەلق ساغلاملىق تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ھەر كۈنى پەقەت 15 مىنۇت سەرپ قىلىپ، قورساقنى ئاسان ئورۇقلاتقىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلدى، قېنى سىناپ كۆرەيلى.
كونكېرىت ھەرىكەت مۇنداق: بەل-دۈمبىنى تىك تۇتۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمىز؛ ئىككى قولىمىزدا بىردىن گانتېل تۇتۇپ، ئۈستۈنكى بىلەكنى مۈرە بىلەن پاراللېل تۇتىمىز؛ ئىككى بىلەكنى بىر ۋاقىتتا تاكى جەينەك قۇلاققا تېگىشكىچە كۆتۈرىمىز، ئاندىن يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتۇرىمىز. ھەر كۈنى بۇ ھەرىكەتنى 15 مىنۇتقىچە تەكرارلىساق، قورساقنى ئورۇقلىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۈرە ۋە بىلەكنىڭ مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرغىلى ۋە چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە، زىيادە كۈچىمەسلىك، سۈرئەتنىمۇ بەك تېز قىلماسلىق لازىم، بېلەكنى كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈشنى يېرىم مىنۇت ئىچىدە كونتىرول قىلغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.