تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

 2019-يىللىق جۇڭگو تىكتاك توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى 5- ئاينىڭ ئاخىرى شېنجېندا باشلىنىدۇ

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ فېڭ) 2019-يىللىق جۇڭگو تىكتاك توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شېنجېن باۋئەن تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق 40غا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن 200دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن جىڭيىڭ سۇ ترانسپورتى خەلقئارا تىكتاك توپچىلار بىرلەشمىسى سەييارە مۇسابىقىسى · 2019-يىللىق جۇڭگو تىكتاك توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ما لۇڭ، فەن جېندۇڭ، شۈ شىن، لىن گاۋيۈەن، دىڭ نىڭ، جۇ يۈلىڭ، ۋاڭ مەنيۈ قاتارلىق جۇڭگولۇق داڭلىق ماھىرلار شۇنداقلا بول، كالدېرانو، سامسونوۋ، فېڭ تيەنۋېي، شۈيگۇسۇن قاتارلىق چەت ئەللىك ماھىرلارمۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى جۇڭگو تىكتاك توپچىلار جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شېنجېن شەھەرلىك مەدەنىيەت رادىيو - تېلېۋىزىيە ساياھەت تەنتەربىيە ئىدارىسى، شېنجېن شەھەرلىك باۋئەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جياجاۋيې مەدەنىيەت - تەنتەربىيە گۇرۇھى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقىدە ئەرلەر يەككە كىشلىك، ئاياللار يەككە كىشلىك، ئەرلەر قوش كىشلىك، ئاياللار قوش كىشلىك، ئەر - ئايال ئارىلاش ئويناش قاتارلىق بەش تۈر تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (1 دوللار تەخمىنەن 6.86 يۈەنگە توغرا كېلىدۇ)غا يېتىدۇ، يەككە ئويناش تۈرىنىڭ چېمپىيون جۇغلانما نومۇرى 2250 نومۇرغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش