«ھازىر مەن كەنتىمىزدىكى ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلىپ، ھەرئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىم قىلىۋاتىمەن، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بالىلارنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان بولدى، ئائىلىمىز 2019-يىلى نامرات ئائىلە قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىماقچى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ سەمىمىي يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدىن كەلگەن.» يېقىندا، قاغىلىق ناھىيەسى تۈگىچى يېزىسى قۇمبا كەنتىدىكى «خاۋمېيجيا» ئاشخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئابدۇراخمان تۇرا خىزمەت ئەترىتىگە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپ، خۇشاللىق كەيپىياتىنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزدى.
ئابدۇراخمان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئائىلىسىدە بەش جان بار ئىدى، ئۈچ بالىسى تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى، ئىلگىرى پۈتۈنلەي مەدىكارچىلىق قىلىپ قورساق باقاتتى، تۇرمۇشى ناھايىتى قىسىنچىلىقتا ئىدى.
ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ بەردى. ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئابدۇراخماننىڭ ئىلگىرى بار بولغان يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاخىرى ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاشخانىدا ئىشقا ئورۇنلىششىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئارزۇسى ۋە بەختلىك ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خۇجيەن مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، شۇنداقلا نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. خىزمەت ئەترىتى «ئىشىك ئالدىدا»+«سىرتقا چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، ياردىمىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقاندىن تېخنىك ئىشچىغا، شوپۇرغا، خوجايىنغا ئايلاندى، ئۆيىدىن چىقىپ زاۋۇت دەرۋازىسىدىن كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى. خىزمەت ئەترىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز!»
(شىنجاڭ داشۆسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن شۈ سۇمىڭياڭ تەمىنلىگەن)