تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يېزا-كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

ئاپتونوم رايون يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مالىيە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى تۈزگەن ھەم بېسىپ تارقاتقان.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى چۆرىدىلىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، يېزا - كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش، يانداش سىياسەتتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى كونكرېت تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدا يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىندى.

  يېزا - كەنت ساياھەت يوللىرى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يېزا - كەنت ساياھەت يول قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلغان ناھىيە بازىرى، يېزا - بازار، مەنزىرە رايونلىرى ھەم ئالاھىدە قوغداش تۈرىدىكى كەنتلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەر، بولۇپمۇ نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش، ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا دېھقان ئائىلىلىرى ھەق تۆلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى ئەخلەتنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش بىلەن زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىشنى پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتىپ، ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېزا - كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھەت مۇلازىمىتى ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاشيول ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تىجارەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئەلئارا سېلىنمىنى ھۆكۈمەت قۇرۇش، پۇقرالار تىجارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بەلگىلىك پايدا ئالىدىغان يېزا - كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شارائىتى بار دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆز تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئۆزى ئىختىيار قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۆي - جاينى ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، دۆلەت ئىچى پۇقراۋى قونالغۇ داڭلىق كارخانىلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنى پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشقا جەلپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىدىكى يانداش سىياسەتنى زورايتىش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بازارنى يۆنىلىش قىلىپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆۋەن سەۋىيەلىك، ئوخشاش سۈپەتلىك رىقابەتلىشىشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا - كەنت ساياھىتى زايومى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى