تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2019-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بېسىپ تارقىتىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: «2019-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بېسىپ تارقىتىلدى.

  «خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»دا «كۆلەمنى كونترول قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش» يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۆلەم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تولۇقلىما ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىز پاختا كەسپىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىز پاختا كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2014-يىلى، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى. بەش يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا دۆلەت بېكىتكەن نىشان ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا ئىسلاھاتى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاندى، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تىپىك ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەندى.

  2019-يىلى 2-نۆۋەتلىك پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تاماملايدىغان يىل، شۇنداقلا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، 2018-يىللىق پاختا «باھا سۇغۇرتىسى+زاكاز مال»نى، پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى بىلەن سۈپەتنى چېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ باھالاش ئاساسىدا، 2019-يىللىق نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختىنىڭ يېڭى تىپتىكى تولۇقلىما ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاختا سۈپىتىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ساپ پاختىنى ئوراش - قاچىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پاختا رەخت بىلەن تايلاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، پاختا سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون سودا بازىرى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە، «شىنجاڭ پاختا سودا بازىرى» قۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى، تور ۋە تور سىرتى، نەق مال ۋە قەرەللىك مالنى قاپلىغان پاختا سودا بازىرى قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز پاختىسىنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارا سودىدىكى باھا بېكىتىش سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايلىنىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، «پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى+پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى+ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى+دېھقان ئائىلىلىرى» كەسىپ زەنجىرى بىرلەشمە تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى يۇقىرىدا دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن، تۆۋەندە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئىستېمال بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون پاختا ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىنىڭ ئامباردىن چىقىرىپ ئېقىش يۆنىلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تىزىملاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا سانلىق مەلۇمات ئانالىز دوكلاتىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

  ئاپتونوم رايون پاختا سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەيدۇ؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەز ئېتىزى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى يەر ئوبوروتى، بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەدرىجىي يېتەكلەيدۇ؛ تېرىقچىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى يىغىپ ۋە تەۋسىيە قىلىپ، پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئۆستۈرىدۇ، پاختا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  تولۇقلىما مەبلەغنى ئېنىقلاش، نەقلەشتۈرۈشكە قارىتا، «خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»دا، تولۇقلىمىنى ۋاقتىدا، تولۇق نەقلەشتۈرۈش ھەم سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى