تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت پىكىر يولى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى تەسىس قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، جەمئىيەت ساھەسىدىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى. زىممىگە ئالغان تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، خىزمەتلەرنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خىزمەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىنى قانۇنچىللىق جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈزۈم ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. يەرلىك تەشكىلىي قانۇن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تۈزۈمى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كېڭىشىش قائىدىسى ۋە مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى