تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا 16 ئورۇننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى كوللېكتىپ چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا 16 ئورۇننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى كوللېكتىپ چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىك يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، قەتئىي پوزىتسىيە، ئەمەلىي ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي، كەسكىن زىممىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي، تۈزىتىشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قايتا رەتلەپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تۆۋەنگە چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا «زېرەك ئادەم»لەرنى ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامغا پائال ياردەملىشىپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۆھبەتكە چاقىرتىش بىر خىل بېسىم، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل مەسئۇلىيەت؛ بىر خىل زور ئۈمىد، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ھەيدەكچىلىك. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە چاقىرتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن مۇئامىلە قىلىپ، سۆھبەتكە چاقىرتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، چوڭقۇر تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلگىچە تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۈچۈن بايراقدار ۋە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى ئېچىپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، بىرىنچى قول رەھبەردىن باشلاپ، بەنزىدىن باشلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئىدىيەنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي ئويلىنىش، ھەقىقىي تۈزىتىش، ھەقىقىي مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرىنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىخ ھالىتىدە توسۇپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، پۈتۈن جەريانىغا تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى نىشان، ئۆلچەمگە چىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى