تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەرزىيەت تارماقلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئەرزىيەت مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرى لى چياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى.» 5 - ئاينىڭ 9- كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى چۈ X بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چولۇنباتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتتى.

  چۈ Xنىڭ ئېرى لى X يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى، 2019- يىلى 1- ئايدا، لى X تىرانسپورت مەسىلىسى سەۋەبىدىن باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ قىسقا ۋاقىت قاماپ قويۇشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچراپ، 20 مىڭ يۈەنلىك قەرز چېكىگە مەجبۇرىي ئىمزا قويغان، ھەم باشقىلارنىڭ زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، ھەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەي، چۈ Xنىڭ ئائىلىسى ۋەھىمە ئىچىدە قالغان. چۈ X بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىغا كېلىپ ئىنكاس قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ ناھايىتى تېزلا بورتالا ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىپ، مەلۇم قىلغان دېلوسى تېزلا بىر تەرەپ قىلىنغان.

  قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم ئەرز قىلىش» خىزمەت ئۇسۇلىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ئەرزىيەت يىپ ئۇچلىرىنى توپلاش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كىم بېجىرىشكە تاپشۇرسا، شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم قوبۇل قىلسا، شۇ مەسئۇل بولۇش»تىن ئىبارەت قوش مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەرزىيەت يولى بىلەن ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن تىزىملاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق، يىپ ئۇچلىرىنىڭ ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىشى، مەزمۇنىنىڭ كونكرېت بولۇشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ قېلىپلاشقان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتا قوبۇل قىلغۇچى بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى. ئەمەلىي قوللىنىشچان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەرزىيەت خىزمىتى ئۇسۇلىنىڭ تۈرتكىسىدە، چۈ X مەلۇم قىلغان ئەرزىيەت دېلوسى تېز تەكشۈرۈپ بېجىرىلىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغداپ قېلىندى.

  بورتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چيەن لۇڭشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاممىنىڭ خەت ۋە تور ئارقىلىق قىلغان تۇنجى ئەرز - تەلىپىنى بېجىرگەندە، ئەرزىيەت تارماقلىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، قانۇن بويىچە تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار ئەرزىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلارغا بېجىرىشكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز توردا نازارەت قىلىپ بېجىرىش، تېلېفوندا نازارەت قىلىپ بېجىرىش، يىغىندا نازارەت قىلىپ بېجىرىش، نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا بېجىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئەرزىيەت مەدىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى چيەن لۇڭشىڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلىدىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەرزىيەت تارماقلىرى جەمئىي 305 پارچە قېتىم ئاممىنىڭ ئەرز خېتى، ئاممىنىڭ ئەرز - شىكايىتىنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان، بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولغان. ئوبلاستلىق، ناھىيە (شەھەر)لىك ئەرزىيەت تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە ماسلىشىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق، مالىمانچىلىققا چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى بىرمۇبىر ئانالىز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ئەرز - تەلەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزغان، رەتكە تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ئەرز - تەلەپتىن جەمئىي ئالتىنى بايقىغان ھەم ھەممىسىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى