تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - بازار (كوچا) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرى دىڭ جىگاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - بازار(كوچا) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى «ئىنتىزام ۋە قانۇن ئۆگىنىش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر قۇرغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەش سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە تىرىشىپ ئۆگىنىشى، كەڭ دائىرىدە جۇغلىشى، ئەمەلىيەتتىن كۆپ ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئۆگەنگىنى، ئويلىغىنى، ھېس قىلغىنىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئۇزارتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇشى؛ ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىنتىزام بىلەن قانۇننى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، «ئىنتىزامنىمۇ، قانۇننىمۇ پىششىق بىلىدىغان» كەسىپ ئەھلى بولۇشى كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى چېنىقتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ئاساسىنى تولۇقلاپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان توغرا كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتە يەنىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆزىگە تەلەپ قويۇش جەھەتتە يەنىمۇ قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سادىق، قەتئىي، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان ياخشى ئوبراز تىكلىشى كېرەك.

  يىغىن سىنلىق شەكىلدە يېزا - بازار (كوچا)لارغىچە ئېچىلدى. باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، دىققەت ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى 1- قارارلىق ئىنتىزام بىلەن قانۇننى تۇتاشتۇرۇش چوڭ دەرسخانىسىدا دەرس باشلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىشنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەشتىن باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش