تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشتىن باشلاپ قىلىمىز»

− ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ يى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن

  ئالتۇن، كۈمۈش مۇكاپاتلارنى تالىشىدىغان ماھارەت سىنىشىش مەيدانىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغىچە؛ پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆرەلەيدىغان، بىلەلەيدىغان ئىشتىن باشلاپ قىلىشقىچە... ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ليۇ يى ۋە ئۇنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى ئېغىر نامرات كەنتنى بۈگۈنكى گۈزەل يۇرت - ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ليۇ يى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى.

   ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش

  «ليۇ ئىدارە باشلىقى خىزمەتكە كىرىشىپ كەتسە، خۇددى ياشلاردەك ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ» دېدى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياڭ ئېنديەن ليۇ يىنى سۈپەتلەپ.

  ۋاقىتنى 2017- يىلىغا قايتۇرساق، خىزمەت ئەترىتى كەنتكە ئەمدىلا كېلىپ ئورۇنلاشقاندا، غولمەھەللە كەنتىدە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئۆزگەرتىش ليۇ يىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىدى.

  ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، سىردىشىش - پىكىرلىشىش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزدىنىش... خىزمەت ئەترىتى تەدرىجىي ھالدا «كۈچلۈك كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ چىقىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياچېيكا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاش يولىنى تېپىپ چىقتى، يەنى غولمەھەللە كەنتى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلدى، بىرتۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلدى.

  پارتىيە ياچېيكىسى كۈچەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى گەۋدىلىك، كۆرۈنەرلىك بولدى، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىمۇ تەدرىجىي ئاشتى.

   كۆپ نۇقتىدىن تۇتۇش قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش

  «پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆرەلەيدىغان، بىلەلەيدىغان ئىشتىن باشلاپ قىلىش.» چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، ليۇ يى ئىشنى ئالدى بىلەن يېزا خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى غولمەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلدى.

  ئەينى ۋاقىتتا، 300 نەچچە يۈرۈش يېزا خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش چوڭ بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى: بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمغا يېقىن ئۆي ئىگىسى بۇ كەنتنىڭ نوپۇسىدا ئەمەس ئىدى. شۇڭا، بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ، قايتا - قايتا خىزمەت ئىشلەپ، سىياسەتنى ئېنىق سۆزلەپ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  تۈر قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، ليۇ يى كۈندە كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلدى ھەم كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ۋە ئېغىل - قوتان، چىرىتىش كۆلچىكى ھەمدە سۇ تۇرۇبىسى، يۇندى تۇرۇبىسى، توك، يول قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي رازى بولىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلدى.

  2017- يىلى، غولمەھەللە كەنتى 149 يۈرۈش مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەمىن ئۆي، 2018- يىلى 176 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى ئازادە، يورۇق، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈرۈش ۋە يېڭى رايون قۇرۇلۇشىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى، نۆۋەتتە، كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت بىر تۈردىلا ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمى 2500 يۈەن مۇقىم ئاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 340 مو يەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، شوخلا، لازا، تاۋۇز، قوغۇن قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئىلمىي تېرىپ، ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە بولۇش، تەبىئەتكە تايىنىپ ياشاشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتتى.

  نۆۋەتتە، ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، غولمەھەللە كەنتىنىڭ تاۋۇز، قوغۇنلىرى مارالبېشى ناھىيەسىدە بەلگىلىك بازار تېپىپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەن كىشىلەر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولدى.

   ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىش

  ليۇ يى مۇنداق دېدى: «دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كەنت ئاھالىلىرىنى <ساپ ئالتۇن - كۈمۈش>كە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى كېڭەيسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ».

  بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، سەنشىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى 48 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئۇلار ئايدا 2000- 1000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى يەنە بىر گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ چارلاش كارخانىسىنى پائال كىرگۈزۈپ، 13 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر بىر ئادەم ئايدا 3500 يۈەن كىرىم قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل مەمەت سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كالپۇك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۆزىنى كەمسىتىپ، ئۆيدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. خىزمەت ئەترىتى پاتىگۈلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قايتا - قايتا ئۆيىگە بېرىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى دادىللىق بىلەن ئۆيدىن چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە پاتىگۈل كەنتتىكى زاۋۇتتا ئىشلەپلا قالماي، يەنە كەنتتە قوشۇمچە تازىلىقچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن بولۇپ، تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  پاتىگۈلدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى يەنە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئاشپەزلىك، كەپشەرلەش قاتارلىق تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچى ۋە بېيىپ كىرىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

  بۇنىڭدىن سىرت، بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى «دەريا بويى تەنتەربىيە باغچىسى» ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت رايونىنى پىلانلىدى ھەم قۇملۇق ساھىل پۇتبولى، قۇملۇق ساھىل ۋالىبولى، ئاپتوموبىل كىنوخانىسى، كارت ئاپتوموبىل مەيدانى، چاقلىق كانكى، سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان دەريا بويى تەنتەربىيە - مەدەنىيەت باغچىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

  بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بۇرۇنقى ئېغىر نامرات كەنت بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل يۇرت - ماكانغا ئايلاندى. ليۇ يى مۇنداق بىلدۈردى: «بىز داۋاملىق ئاممىنى يېتەكلەپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى