تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مارالبېشى− يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئىككى يىلدا قۇرۇلغان مارالبېشى − يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  مارالبېشى − يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىش باشلانغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى مارالبېشىدىن يەكەنگىچە، يەكەندىن خوتەنگىچە، قەشقەردىن يەكەنگىچە بولغان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەم يانداش قۇرۇلۇشتىن تەركىب تاپقان، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 726 كىلومېتىر، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2019- يىلى 1- ئايدا، بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان.

  مارالبېشى − يەكەن − خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشى مۈلۈكدارلار تۈر دىرېكتورى لى ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يەكەندىن خوتەنگىچە، قەشقەردىن يەكەنگىچە بولغان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كەينى - كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى. قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  يىرىك پىلان بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى يىلىغا 3 مىليون 130 مىڭ توننا كۆمۈرگە باراۋەر سەرپىياتنى تېجەپ، يىلىغا تەخمىنەن 10 مىليارد يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى يارىتىدىكەن؛ 51 مىليارد 800 مىليون يۈەن تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، تەخمىنەن 2800 ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى