تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان، ھۆل-يېغىنلىق، بورانلىق ھاۋارايى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، غەربىي سىبىرىيەدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى كۆرۈنەرلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان، ھۆل - يېغىنلىق، بورانلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا جۇدۇن ياكى قىروۋ ئۈششۈكى كۆرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي، شەرقىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ قارغا ئۆزگىرىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرماما، بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  ئەڭ كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ۋاقىت بۆلىكى شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىدە 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستىدا 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە كۆرۈلىدىكەن.

  شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە بولىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدىن تۇرپان شەھىرىنىڭ 30 چاقىرىملىق شامال رايونىغىچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىن قومۇل شەھىرىنىڭ 100 چاقىرىملىق شامال رايونىغىچە 11 بالدىن 12 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭدا ئەڭ كۈچلۈك شامال كۈچى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە كۆرۈلىدىكەن.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن ئون سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ، جۇدۇن كۆرۈلىدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىروۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ، يېنىك دەرىجىدە قىروۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش