بىر قولى بىلەن بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىش
«خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت! ئەگەر سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا، ئوغلۇمنىڭ ئىشلىرى بۇنداق ياخشى يۈرۈشمىگەن بولاتتى.» ئوغلىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قاراپ، دىلشات ئاقنىيازنىڭ ئانىسى مىننەتدارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا شۇنداق دېدى.
دىلشات ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى ئۈستۈنكى شەھەر كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، سول قولى 4- دەرىجىلىك مېيىپ، ئائىلىسىدىمۇ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان باشقا يولى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇشىغا قانداق ياردەم بېرىش، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىش ئىدى.
دىلشات (سولدا) دەرۋازا ياسىماقتا.
زىيارەت قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى دىلشاتنىڭ كەپشەرلەش ھۈنىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھويلا دەرۋازىسى ياساپ بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىدا ھەقسىز بوش يەر بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە دەرۋازا ياساش ئىشىنى تەشۋىق قىلىپ، مەيداننى ھەل قىلىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن، دىلشاتنىڭ سودىسى جانلىنىپ كەتتى.
«بۇ بىر تۈركۈم دەرۋازىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، مەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېنىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش،كەپشەرلەش دۇكىنى ئېچىپ، شاگىرت يېتىشتۈرۈپ بىللە ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇنداق قىلغاندا ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ تۈرتكە بولالايمەن!» بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، دىلشات تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ سۇڭشۇاڭ ، لېي يەنخۇا)