تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ: ئالاقە تورى سۇپىسى «يېڭى پادىچى»لارنى بارلىققا كەلتۈردى

  ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى يايلاقتا، باھار شامىلى سىيپاپ ئۆتكەن ئوت- چۆپلەر تاغ- تۆپىلىكلەرگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ-پەسىيىپ تۇراتتى، يەنە بىر ئايدىن كېيىن، قازاق چارۋىچى ئاقتىبېك گېمىننىڭ قىشلىق قوزىلىرى قوتاندىن چىقىدۇ. ئاتىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ «يېڭى پادىچى» سېتىش يولىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى 100 تۇياق چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي ئالاقە تورى ئارقىلىق بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلار تەرىپىدىن تولۇق زاكاز قىلىنىپ بولدى.

ماتېرىيال سۈرەت

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئالتاي يايلىقىدا سۇ، ئوت- چۆپ مول بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردىن كۆپ چىقىدىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي گۆشىنىڭ تەمى مېزىلىك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەلا نەسىللىك قويى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر مەزگىلدە، تاغدا ئۇزاق تۇرغان چارۋىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى راۋان بولمىغاچقا، بىرىنچى قول بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلمەي، «مىنېرال سۇ» ئىچىپ چوڭ بولغان قوزىلارمۇ رازى بولغۇدەك باھادا سېتىلمىغان ئىدى.

  «ئالتاي غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان بولۇپ، يېڭى قوي گۆشىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش ئۈچۈن، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئالاقە تورىنىڭ <شامىلى>غا ئەگەشمەي بولمايدۇ». شىنجاڭ ئالتاي «جاڭشاڭ مۇچاڭ (ئالىقاندىكى چارۋىچىلىق مەيدانى)» پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى چىن ياڭ، 2015- يىلىدىن باشلاپ، بۇ شىركەتنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرى كەلتىكەي كەنتىدىكى چارۋىچىلار بىلەن سېتىپ چىقىرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغانلىقى ھەمدە چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئوپتىك تالا مەخسۇس لېنىيەسى ۋە كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمىسى  ئورنىتىپ، قوزىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ماتېرىيال سۈرەت

   بىر دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق، 26 ياشلىق ئاقتىبېك ئەنئەنىۋى چارۋىچىدىن «يېڭى پادىچى»غا ئۆزگەردى. «توردىكى ئېلېكترونلۇق سودا+ تور سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈپ بېرىش» ئەندىزىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك، يېڭى قوي گۆشىنىمۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تېرمىنالغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى، تۆت يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى 800دىن ئارتۇق خېرىدار قوزا «بېقىۋالدى».

  «ئالاقە تورىدا قوي سېتىش بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەندىشىمىزنى يوقاتتى، خاتىرجەم ھالدا قوي باقساقلا يۇقىرى كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى ئاقتىبېك، دەسلەپتە ئۇ بۇ «ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال»ىدىن گۇمانلانغاندى، بىراق بۇلتۇرئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئەتراپىدىكى چارۋىچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇنىڭغا قاتناشتى.

  ئاقتىبېكنىڭ بىلمەيدىغىنى شۇكى، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چارۋىلارنى باشقۇرۇش سىسېمىسىنى سىناق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە، قويلارغا «كىيدۈرۈلىدىغان» ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ھەر ۋاقىت پادىچىلارغا ئۇلارنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلالايدۇ، يەنە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېلېكترونلۇق رىشاتكا ئورنىتالايدۇ، بىپايان يايلاقنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ «بۇلۇت دېھقانچىلىق مەيدانى»غا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار...

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى