تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈرۈمچىدىكى ياقۇت رەسىم ياساش ۋارىسى گېڭ جياڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى

ئۆز خەۋرىمىز: ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ( بومىڭ زاۋۇتى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئوۋلى. تىيانشان گۈزەل-سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان گېڭ جياڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈندىن 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئوۋلى. تىيانشان گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە گېڭ جياڭنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئىجاد قىلغان 100دىن ئارتۇق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى.  گېڭ جياڭ ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ياقۇت رەسىم ياساش ھۈنىرى ۋارىسى بولۇپ، ياقۇت رەسىم سەنئەت تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا 20 يىلدىن ئاشتى. ئۇ ھازىر داۋاملىق ياقۇت رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئۇنىۋېرسال ماتېرىيال رەسىم تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى گېڭ جياڭ شەخسىي ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ياقۇت رەسىم ئەسەرلىرى، ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى، ۋە ئۇنىۋېرسال ماتېرىيال رەسىم ئەسەرلىرى ئاساسىي مەزمۇن، قوشۇمچە نەق مەيداندا ھەرىكەت سەنئىتى، سەنئەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار شەكىللەر ئارقىلىق، سەنئەتكار ئىجادىيىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش  جەريانى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ياقۇت رەسىم ۋەكىللىكدىكى ئۇنىۋېرسال ماتېرىيال سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى نامايان قىلىنغان، كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەردە كۆپىنچە رېئال تەسۋىر ئاساس قىلنغان بولۇپ، تەبىئەت مەنزىرىسى، شەھەر كوچا مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسى گېڭ جياڭنىڭ ئىجادىيەت ئوبيېكتى قىلىنغان. گېڭ جياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاتالمىش ياقۇت رەسىمى، شىنجاڭدا بار بولغان ئۆزگىچە ياقۇت (زۇمرەت، دېڭىز كۆكى رەڭلىك ياقۇت، ھېقىق، خىروستال قاتارلىقلار)نى كېسىپ، پارقىرىتىپ، سىلىقلاپ، كۆز قىلىپ قويۇپ، ئەنئەنىۋى رەسىم سىزىش ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈپ ياسىلىدىكەن. «مېنىڭ ئىسمىمدا <شىنجاڭ> دىگەن خەت بار، مەن ئالتايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلدىم، تەرەققىي قىلدىم. خۇڭشەن تېغى  تويۇمنىڭ گۇۋاھچىسى.  شىنجاڭنىڭ ئوغلى، شىنجاڭلىق سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قولۇمدىكى رەسىم قەلىمى ۋە ياقۇتلاردىن پايدىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنى، ئانا سۈپەت شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە نامايان قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم» دېدى گېڭ جياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى