«ئىلگىرى ھويلامغا خالىغانچە كۆممىقوناق تېرىپ قوياتتىم. بۇلتۇر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھويلامغا ئالما، قارىئۆرۈك دەرىخى تىكتىم، ھەرخىل كۆكتاتلارنى تېرىپ، ھەم كىرىمىمنى ئاشۇردۇم، ھەم ھويلا-ئاران مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردۈم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت» دېدى چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىسى مۇخۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ گۈيلەن خۇشال ھالدا.
ۋاڭ گۈيلەن كەنتتىكى نامرات ئاھالە، 2018-يىلى، ئېرى كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى. چاغانتوقاي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەخسۇس ۋاڭ گۈيلەننىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن «بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت» بويىچە نامراتلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى تۈزۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.
ۋاڭ گۈيلەن ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا.
خىزمەت ئەترىتى ۋاڭ گۈيلەننىڭ ھويلىسىنىڭ ئىزچىل بىكار تۇرغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ھويلىنى تۈزلەپ رەتلىگەندىن كېيىن، يەنە كونا ھويلا تېمىنى چېقىپ، يېڭى خىش تام قوپۇرۇپ، ئالما دەرىخى، قارىئۆرۈك دەرىخى ۋە ھەرخىل كۆكتاتلارنى تىكتى. بۇلتۇر 7-ئايدا، ساياھەتچىلەر ۋاڭ گۈيلەننىڭ ھويلىسىغا كېلىپ، كۆكتات، مېۋىلەرنى ئۈزدى، بۇ ۋاڭ گۈيلەنگە نۇرغۇن كىرىم ئېلىپ كەلدى.
«بۇ يىل، مەن تەرەققىيات تۈرىنى كۆپەيتىپ، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىغا ئايرىدىم، ساياھەتچىلەر كەلگەندە، ھەم يېڭى مېۋە-كۆكتاتلارنى ئۈزسە، ھەم ئۆيۈمنىڭ يەرلىك توخۇ، ئۆردەك، غازلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ» دېدى ۋاڭ گۈيلەن ھاياجانلانغان ھالدا.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جۇماش مۇنداق دېدى: «بىز <تېرىشقا باب كەلسە تېرىش، بېقىشقا باب كەلسە بېقىش، ئىستىراھەت قىلىشقا ماس كەلسە ئىستىراھەت قىلىش> پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئۆيلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىكار تۇرغان يەرلەرنى ئېچىش بازىسى قىلىپ، نۇقتىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك ماكان بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى <گۆھەر ماكان>غا ئايلاندۇرىمىز.» (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ليۇ خەييىڭ، ما جىڭ)