تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى» قەشقەر ئۆسمۈرلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ياندۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فەن گوبىن): يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسىدە 2-نۆۋەتلىك «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغۇللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بۇ ناھىيەنىڭ لەڭگەر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى، سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئالغان ئاشۇ دەقىقىدە، كىچىك پۇتبولچىلار، ترېنېر، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ، خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى.

  «ئانار دانىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ئەسەر» لىرىنىڭ بىرى. مۇسابىقىگە «ئانار دانىسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، ھەر مىللەت بالىلار پۇتبول ئارقىلىق چىڭ قۇچاقلىشىدۇ دېگەن مەنىدە. بۇ مۇسابىقە قانات يايدۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، جەمئىي 20 نەچچە مەكتەپتىكى 800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىپ «پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نى ئوتتۇرىغا قويدى

  پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان تەنتەربىيە ئۇقۇمى. 2017-يىلى 2-ئايدا قوزغىتىلغاندىن كېيىن، باشلامچىلىق بىلەن گۇاڭجوۋ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كونىشەھەر ناھىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، 10 ئوتتۇر مەكتەپ، 12 باشلانغۇچ مەكتەپنى ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنى قانات يايدۇرىدىغان تور نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى، پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ، ئاساسىي جابدۇق سايمانلارنى تەمىنلەپ، مەكتەپتە پۇتبول جەھەتتە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەردىكى تېخىمۇ كۆپ ياش ئۆسمۈرلەرنى پۇتبول ھەرىكىتىگە قىزىقتۇردى.

  كونىشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى كۈپسىڭى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ھەركۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىر توپ ئوقۇغۇچىلار سۈنئىي چىملىق پۇتبول مەيدانىدا، سۇدەك تەر ئاققۇزغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولىدۇ. «بىزنىڭ مەكتەپتە 346 ئوقۇغۇچى بار، 1 يىل ئىلگىرى، بالىلارنىڭ ھەممىسى توپا مەيداندا توپ تېپەتتى، ھازىر سۈنئىي چىملىق مەيداندا توپ تېپىپ، بەك خۇشال بولدى.» دېدى كۈپسىڭى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يۇڭ كەييۈەن، بالىلارنىڭ ئىلغار پۇتبول مەيدانى ئىشلىتەلىشى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بولدى.

  ھازىر، كونىشەھەر ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ، مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپى، سايباغ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى پۇتبول شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيەت بازىسىغا ئايلاندى، كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى 10 ئوتتۇرا مەكتەپ، 12 باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول مەشىق سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، 500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈر ئۇزۇن مۇدەەت كەسپىي پۇتبول جەھەتتە تەربىيەلەندى.

  كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئانار دانىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغۇللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەمىنلىدى)

  2018-يىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى يەنە «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسى» نى ئېلان قىلىپ، كۈچ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى زورايتتى. شۇ يىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 2 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جاينىڭ مەكتەپ پۇتبول ئاساسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى.

  «بىزنىڭ نىشانىمىز، تىرىشىپ 3 يىل ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۆتتىن ئالتىگىچە يەتتە كىشىلىك سۈنئىي چىملىق پۇتبول مەيدانى، ھەمدە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن تۈرلەرنى قۇرۇش» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ ۋېيدۇڭ.

  شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يەنە شىنجاڭنىڭ پۇتبول جەھەتتە تەربىيەلەش قۇرۇلمىسى، مۇسابىقە قۇرۇلمىسى ۋە يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى. مەكتەپتە پۇتبول جەھەتتە تەربىيەلەش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغۇللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، كونىشەھەر ناھىيەسى، پەيزىۋات ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن 3-شىسىنى قاپلىغان مەكتەپلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگىچە، ھەمدە شىنجاڭ، قەشقەر ئىككى جايدىكى پۇتبول مەكتەپلىرىگە ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئىشلىرىنى تەدرىجىي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.

  كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئانار دانىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغۇللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەمىنلىدى)

       بىر تال ئۈمىد ئۇرىقى تېرىش

  2012-يىلى 2-ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول تەنھەرىكەت مەركىزىدىكى ۋاڭ لياڭ پۇتبول كەسپىي تېخنىكا خادىمى سالاھىيىتىدە قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتى.

  قەشقەرگە كەلگەندىن بۇيان، ۋاڭ لياڭ ۋاقتىنىڭ تېڭىدە ھەر قايسى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە پۇتبول ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «مەن ھەر قېتىم مەكتەپكە بارغاندا، بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلايدۇ، كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن ماڭا ياردەملىشىپ پۇتبول ئەسلىھەلىرىنى ئېلىۋالىدۇ، مەن بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايمەن.»

  ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن كونىشەھەر ناھىيەسى مىڭدې 4-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەيپۇللا نۇرمەمەت كىچىكىدىن باشلاپلا توپ تېپىشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، يېقىندا ئۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە لاتارىيە باشقۇرۇش مەركىزى تەقدىم قىلغان يېپيېڭى پۇتبولغا ئېرىشتى، كېيىن يەنە ۋاڭ لياڭ سوۋغا قىلغان پۇتبول ئايىغىنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق ھاياجانلاندى.

  سەيپۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق بولۇپ، مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى سانى كۆپ بولمىغان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان بالا، ئادەتتە جىمغۇر ئىدى. ۋاڭ لياڭ مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ پۇتبول مەشىقىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، كوماندا تەشكىللەپ توپ تەپتى، سەيپۇللانىڭ «پۇتبول ئارزۇسى» قوزغىتىلدى، ئەسلىدە تارتىنچاق، ئىچ مىجەز ئۇ، ھازىر ھەر كۈنى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە پۇتبول مەيدانىدا توپ تېپىدۇ، بىللە دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىدۇ، بىللە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ.

  پۇتبول بولغاندىن كېيىن، ئۇ خۇددىي باشقا بىر ئادەمگە ئالمىشىپ قالغاندەك، پائال ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىللىق، ئوچۇق-يورۇق، ئۇماق بولۇپ كەتتى. پۇتبولدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مەقسىتى، بالىلارنىڭ قەلبىگە بىر تال ئۈمىد ئۇرۇقى تېرىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش.» دېدى ئۆزىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، ۋاڭ لياڭ خۇشاللىق بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ.

  2018-يىلى 7-ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 24 كىشىلىك بىر قەشقەر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ 17 كۈنلۈك مۇسابىقە، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

  مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، كىچىك پۇتبولچىلار بىر تەرەپتىن تومۇز ئىسسىققا قارىماي جاپالىق مەشىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەرسخانا بىلىملىرىنى ئۆگەندى، دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگەندى.

  ئاخىرىدا، 24 بالىنىڭ ھەممىسى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ مۇسابىقە، ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كىچىك پۇتبولچىلار گۇاڭجوۋغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ھەممىسى چەكسىز ھاياجانلاندى، بەختلىك خۇشال تەبەسسۇم ھەر بىر ئادەمنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تويۈن چارۋىچىلىق مەيدانى باشلانغۇچ مەكتىپىگە مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەمىنلىدى)

  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئىز باسارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

  ۋاڭ لياڭدىن باشقا، پۇتبول جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ئىزچىل پۇتبول ترېنېرى ئەۋەتىپ كوماندا تەشكىللەش، ترېنېر، رېپىر تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يەرلىكنىڭ پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىشىگە ياردەم بەردى.

  گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى، گۇاڭجوۋ فۇلى پۇتبول كۇلۇبى كونىشەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپى، 3-ئوتتۇرا مەكتەپ، سايباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈچ پۇتبول ئوقۇتۇش بازىسى ۋە ياشلار مەشىق بازىسى ھەمكارلىق ئورگىنى تەسسىس قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ 3 مۇتەخەسسىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، قەشقەرگە بېرىپ ترېنېر، رېپىر تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 70 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئىمران تۇرسۇن فۇلى چېلسى پۇتبول مەكتىپىنىڭ تاللىشىدا ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىپ، 2018-يىلى 9-ئايدا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى، خېڭدا خانلىق مادرىد پۇتبول مەكتىپىدە 97 شىنجاڭلىق بالا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىمى قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن.

  ئىنىسى ئىمران تۇرسۇننىڭ فۇلى پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ھازىر مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئاكىسى ئىمران مەمەتئېلى ھەۋەس قىلىپ:«مەنمۇ ئىنىمغا ئوخشاش ياخشى ئۆگىنىپ، پۇتبولنى ياخشى تېپىپ، <پۇتبول ئارزو> يۇمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېدى.

  لەڭگەر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى باشلاپ 2-نۆۋەتلىك «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا باشلىقى بەكرى باتۇر تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولدى. «مەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ، مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا بەسلىشىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى