تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2019-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى (كورلا بېكىتى) مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىدۇ

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جى شياۋجېن): 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، 2019-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى (كورلا بېكىتى) مۇسابىقىسى كورلا تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ دۇڭگۈي بەيگە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىدە، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 30 نەچچە ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 150-200گىچە تۇلپار رىقابەتلىشىپ، ئومۇمىي سوممىسى 650 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى تالىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە ساپ نەسىللىك ئات، يېرىم نەسىللىك ئات ۋە يەرلىك ئاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، مۇسابىقە قائىدىسى دۆلەتنىڭ ئات بەيگىسى قائىدىسى بويىچە ئادىل، ئاشكارا ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  شېنجوۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى چۈ خۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھازىر، 30 نەچچە ئورۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، چەۋەندازلىق كۇلۇبى ۋە يالغۇز ئات گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تەييارلىق خىزمەتلىرى پائال، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇسابىقە باشلانغان كۈنىدە، يەنە ناھايىتى سەرخىل باشلىنىش مۇراسىمى نومۇرلىرى، خاس يېمەك-ئىچمەكلەر، خاس مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  يەم بېرىش، ئاتنى يېتىلەپ ئايلاندۇرۇش، يۇڭىنى چوتكىلاش، مۇسابىقە يولىغا ماسلاشتۇرۇش..... مۇسابىقىگە قاتناشقان «تۇلپار»لارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ھەرقايسى ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى ماھىرلار مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەر ۋە ماسلىشىش مەشىقىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارماقتا.

  شېنجوۋ چەۋەندازلار كۇلۇبىنىڭ ترېنېرى كەيدىلباي مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى ئايدىن كۆپرەك  ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ، ھەركۈنى مۇناسىپ ھالدا مەشىق قىلدۇق. بۇ قېتىم بىز سەككىز ئات، تۆت ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى مۇسابىقىلەردە نەتىجىگە ئېرىشكەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىمىز بار.»

  نۆۋەتتە، بېلەت سېتىش خىزمىتى ئاللىبۇرۇن باشلانغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۈندىدار كىچىك سىستېمىسىدىكى «شېنجوۋ بەيگىسى» ئارقىلىق توردا بېلەت سېتىۋالالايدۇ، ئالدىن زاكاز قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسابىقە نەق مەيدانىدىمۇ ئىككى بېلەت سېتىش نۇقتىسى بار بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نەق مەيداندا بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى