تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

چېۋەر قوللارنىڭ ئاسرىشىغا ئېرىشكەن كاككۇكگۈل، مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى پۇ يۈنشەن قىزى پۇ شىچىنى ئېلىپ مودەنگۈل تاماشا قىلماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ): ئۈچ يىل سىناق تەرىقىسىدە تېرىش، كۆندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل كاككۇكگۈل تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەمدە ئېچىلدى.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، خەلق باغچىسىدا ھەرخىل گۈل-گىياھلار پورەكلەپ ئېچىلىپ، رەڭگارەڭ مودەنگۈل، كاككۇكگۈل نۇرغۇن ساياھەتچىنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى ئۈچ خىل سورتتىكى مىڭ تۈپكە يېقىن كاككۇكگۈل كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى.

  «ئاساسلىقى تۇپراقنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىگە ماس كەلمەسلىك، قىشتىن ئۆتۈشتە ساقلىنىش ۋە پەرۋىشكە ئېھتىياجلىق بولۇش، تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، ئىلگىرى كاككۇكگۈلنى شىنجاڭ رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈش تەسكە توختايتتى، 2016-يىلى كاككۇكگۈل سورتى كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىز تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئاشۇرۇش، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، قىش پەسلىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا ساقلىنىش ۋە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاچقا، كاككۇكگۈلى بۇ يىل تۇنجى قېتىم باغچا رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىلدى.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۈن ۋېينىڭ دېيىشىچە، كاككۇكگۈل ۋە مودەنگۈل دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق گۈلى بولۇپ، تاماشا قىلىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، قايتا-قايتا يېتىشتۈرۈپ سىناش ئارقىلىق، بۇ يىل زىياڭ كاككۇكگۈلى، خۇڭفېڭ كاككۇكگۈلى، خۇاڭياڭ كاككۇكگۈلى قاتارلىق ئۈچ خىل سورتتىكى مىڭ تۈپكە يېقىن كاككۇكگۈلى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان، كاككۇكگۈلىنىڭ بۇنداق سىرتقى مۇھىتتا كۆپلەپ ئېچىلىشى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدىكەن.

  تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغان كاككۇكگۈللىرى تەبىئىيلا باش ياز مەۋسۇمىدىكى مەركىزىي شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى. ئوخشاشلا بەس-بەستە ئېچىلغان گۈللەردىن يەنە مودەنگۈل باغچىسىدا 5000 تۈپتىن ئارتۇق مودەنگۈل بار، باغچا رايونىدىكى داۋجىن، جۇگۇاڭ مورۈن، زىئېرچياۋ، گۇيفېي چاسۈي، رىيۆجىن قاتارلىق 60 خىل سورتتىكى مودەنگۈللەرمۇ بىر پارچە گۈزەل كارتىنىنى ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى